ئۇيغۇر ئوغلى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ھەققىدە تەييارلانغان ئاۋازلىق ئەسەرلەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار! بۈگۈنكى «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزدە سىلەرگە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر تارىخچى، ئەدىب، پۈتۈن ئۆمرىنى ئىلىم مەرىپەتكە بېغىشلاپ، يېڭىچە مائارىپ ئىدىيىسىنى ئەڭ دەسلەپ تەشەببۇس قىلغان داڭلىق مەرىپەتچى، ئۇيغۇر ئەدەەبىياتىدىكى تۇنجى قارلىغاچ، ئۆزىنىڭ «يورۇق ساھىللار» ناملىق قىممەتلىك مىراسى ئارقىلىق مۇشۇ سەھىپىمىزگە مەنىۋىي ئوزۇق بېرىپ كېلىۋاتقان ھۆرمەتكە سازاۋەر زات نەزەر خوجا ئۇيغۇر ئوغلى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

0:00 / 0:00

ئۇنىڭدىن كىيىن ئالدىنقى سەھىپىمىزدە تونۇشتۇرۇلغان داڭلىق شائىرىمىز نىمشېھىت ئەسەرلىرىدىن بەزىلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. ئاخىرىدا «چەكلەنگەن ئەسەرلەر سەھىپىسى» بويىچە سۆيۈنگۈل جانىشىف خانىم يازغان: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.

ئۇنداقتا ئالدى بىلەن دىققىتىڭلار ئۇيغۇر ئوغلى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ھەققىدە تەييارلانغان ئاۋازلىق ئەسەردە بولسۇن!