«يورۇق ساھىللار سەھىپىسى» ۋە «كەچمىش ۋە ئەسلىمىلەر» 87

0:00 / 0:00

قەدىرلىك دوستلار! «يورۇق ساھىللار سەھىپىسى»نىڭ بۇ ھەپتە سىلەر ئۈچۈن تەييارلىغان پروگراممىلىرى تۆۋەندىكىچە: ئالدى بىلەن «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلانغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر. ئاندىن مەرھۇم مۇتەپەككۇرىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ: «ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتتكى ئۈچ خىل قىممەت» ناملىق ماقالە ۋە «تۇپراق سۆيگۈسى» ناملىق شېئىر دىققىتىڭلاردا بولىدۇ. ئاندىن «چەكلەنگەن ئەسەرلەر» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلانغان «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر. قېنى ئەمىسە، دىققىتىڭىز «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلانغان سۆھبەت خاتىرىسىدە بولسۇن. بۇنى قۇتلان تەييارلىدى.