چەتئەللەردىكى غەزەپ داۋاملاشماقتا !
ئۇيغۇر دىيارىدا 5 - ئىيۇلدىن بۇيان يۈز بەرگەن نامايىشلار خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغاندىن بېرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان باشقا خەلقلەر نارازىلىق نامايىشلىرىنى توختاتمىدى. ئۇلار ئارقا - ئارقىدىن خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا ۋە ئاممىۋىي سورۇنلاردا نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈپ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان كۈچلۈك غەزەپ - نەپرىتىنى ئىپادە قىلىشماقتا.
2009 - يىلى 1 - ئۆكتەبىر، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنى. شۇنداقلا بۇ كۈن، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىغا خىتاي كوممۇنىستلىرى بېسىپ كىرگەنلىكىنىڭ 60 يىللىقى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، 1 - ئۆكتەبىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا ھېسداشلىق قىلغۇچى كۈچلەر نامايىش ۋە ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن قانلىق باستۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، خىتايغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزدى.