ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن بىرى بولغان نورۇز بايرىمى بۇ يىل ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابىدە
2012-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغافۇر مۆمىن ئەپەندى نورۇز ھەققىدە تەبرىك سۆزى قىلدى. 2012-يىلى 24-مارت، ئادىلايد ئاۋسترالىيە.
شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغافۇر مۆمىن ئەپەندى نورۇز ھەققىدە تەبرىك سۆزى قىلدى. 2012-يىلى 24-مارت، ئادىلايد ئاۋسترالىيە.
RFA/Abide

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى بۇ پائالىيەت، شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغافۇر مۆمىن ئەپەندىنىڭ نورۇز ھەققىدىكى تەبرىك سۆزلىرى بىلەن باشلاندى. بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەن ئەپەندى سيىدىنىدىن كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، نورۇز ئەھلىگە سىيدنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى ھەم شۇنداقلا نورۇزلۇق سوۋغا سۈپىتىدە ئىلىپ كەلگەن شېئىرىنى كۆپچىلىككە تەقدىم ئەتتى.

ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە نورۇز بايرىمىدا نورۇز ئېشى ئېتىلدى. 2012-يىلى 24-مارت.
ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە نورۇز بايرىمىدا نورۇز ئېشى ئېتىلدى. 2012-يىلى 24-مارت. RFA/Abide

بۇ قېتىمقى پائالىيەت مەقسىتى ۋەتەن سىرتىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۇنتۇماسلىقى، بىر-بىرى بىلەن دوستلىشىپ ھەم ئىزدىشىپ ئۆتۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاق بولۇشى، ئاتا-ئانىلىرىدىن يىراق تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنداق ئالاھىدە كۈنلەرنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىش بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا ئېتىلگەن نورۇز ئىشى، ئارغامچا تارتىش مۇسابىقىسى ۋە باشقا ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى پائالىيەتكە زور مەنىلەر بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى پائالىيەت ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:
‏«بۈگۈنكى مېنىڭ ھېسسىياتىمدا نورۇز بىزنىڭ بىر ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن شۇنداقلا ماڭا يەنە بىر تەسىر قىلغان نەرسە خەلقىمىزنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تونۇش، كىملىكىنى تونۇش، ئۆزىنىڭ تارىخى ئەنئەنىسىدىن، مەدەنىيىتىدىن غۇرۇر ھېس قىلىش ۋە ئىتتىپاقلىشىشتىن ئىبارەت مۇنداق بىر ئالاھىدىلىكىنى كۆردۈم. بۇ يەردىكى قېرىنداشلاردىن، ئاۋسترالىيىدە بولۇپمۇ جەنۇبىي ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر قەدەر سانى كۆپ، ئورۇنلاشقان يېرى بىر قەدەر يىغىنچاق بولغاچقا كۆپچىلىك، يېڭىدىن قاتارغا قوشۇۋاتقان ئۈچ ياشلىق بالىلاردىن تارتىپ يەتمىش ياشقىچە بولغان ھەربىر تىپتىكى ئادەملەر تېپىلىدۇ. چوڭلارنىڭ تەجرىبىلىرى، سۆزلىگەن نورۇز ۋە مىللەت، مىللەتنىڭ ئىپتىخار، غۇرۇرى ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى سۆزلىرى، ياشلىرىمىزنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىشى، ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت ۋە مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىپادىلەندۈرۈشى ئۆزىنى تونۇتۇش، غۇرۇر ۋە ئىپتىخارنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.»

پائالىيەت باشتىن ‏- ئاخىر ئىنتايىن جانلىق، خۇشال-خۇرام كەيپىيات ئىچىدە ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقان بىر خانىم ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏«بۈگۈن نورۇز. ئىشنىڭ باشلىنىشى، كۈننىڭ باشلىنىشى. بۈگۈن ئەتىگەن ھاۋا تۇتۇق دەسلەپ قورققان ئىدۇق، لېكىن بالىلارنىڭ تەلىيىگە، ھەممە ئىشنىڭ بېشىدا كۈن شۇنداق چىرايلىق چىقتى. ھەممەيلەن شۇنداق خۇشال كەيپىياتتا، يېڭى بىر چىراي، يېڭى بىر تەبەسسۇم بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتكۈزدۇق. خۇددى بىر ۋەتەندىكىدەك. دىلىمىزدا كەمتۈكلۈك بولسىمۇ، ۋەتەندىكى نورۇزنى ئەسلەپ ناھايىتى خۇشال ئۆتكۈزدۇق. پائالىيەتتە ئورۇنلانغان ئۇيغۇر تىلى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرى، ئوماق ھەرىكەتلىرى، چۈچۈك تىللىرى يەنە بىر قېتىم يۈرەكلەرنى سۆيۈندۈردى.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت