«ئۇيغۇر خەلق داستانى چىن تۆمۈر باتۇر» ناملىق كىتاب تۈركىيىدە نەشردىن چىقتى
2012.03.29
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تۈركىيىدە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلارمۇ كۆپىيىشكە باشلاندى. نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركەزلىرى، ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتلىرى ئېچىلىپ قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيىدە ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارمۇ كۆپەيدى.
تۈركىيىدە كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 15 ئەتراپىدا كىتاب، كۆپ ساندا ماقالە يېزىلغان. بۇلارنىڭ كۆپى ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئائىت بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدىن «چىن تۆمۈر باتۇر داستانى» دۇر. بۇ داستان يېقىندا تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىكى ئەگەتان نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. كىتابنى ئەسلىدە بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇلھەكىم مەھمەت ئەپەندى ماگىستىرلىق ئىلمىي ماقالىسى قىلىپ تەييارلىغان.
223 بەتلىك «ئۇيغۇر خەلق داستانى چىن تۆمۈر باتۇر» ناملىق كىتابتا مەزكۇر داستان باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ داستانلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىنغان.