22-فېۋرال كەچ سائەت 18:00 بىلەن باشلانغان سەنئەت كېچىلىكىدە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى سەنئەتكارلىرى ئورۇنلىغان ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلىغان ۋېنگرىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، ۋېنگرىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ۋېنگرىيە قەلەمكەشلىرى بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە ئۇيغۇر، ۋېنگر تاماشىبىنلار كۆپ ھاياجانلاندى ۋە ئۇزۇنغىچە ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى مەسئۇلى ئەزىز ئەيسا، ناخشىچى ھەم ئۇسسۇلچى رەھىمە خانىم، يازغۇچى سۆيۈنگۈل خانىملار نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
ئاخىرىدا ئاڭلىغىنىڭلار، ھونلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى يەرلىك مۇزىكىلىرىدىن ئارىيە. 2-ئاينىڭ 23-كۈنى مەشھۇر ھۇن شائىرى ئالېكساندىرنىڭ ئۆيىدە ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى شەرىپىگە زىياپەت بېرىلدى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ۋېنگر سازەندە، ناخشىچىلىرى نۆۋەت بىلەن ناخشا-مۇزىكا ئورۇنلاپ، سورۇن ئەھلىنى كۆپ ھاياجانغا چۆمدۈردى.
ۋېنگېر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن ئالاھىدە غەمخورلۇقى، ھېسداشلىقى ۋە كەلگۈسىدىكى ھۆر ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۈچۈن ئورتاق تېرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىستەكلىرى ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى.