شەرقىي تۈركىستانغا بېغىشلاپ ناخشا ئىجاد قىلغان فاتما خانىم بىلەن سۆھبەت
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.01.19
2011.01.19

youtubetin elinghan
ئۇ تاتارچە، ئەزەربەيجانچە ۋە باشقۇرتچە ناخشىلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدە "كۆك بايرىقىم" ۋە "شەرقىي تۈركىستانىم" ناملىق ناخشىلارنى ئىجاد قىلغان.
فاتما ئىشق قايا خانىم "شەرقىي تۈركىستانىم" ناملىق ناخشىنى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن يازغان بولۇپ، ناخشىدا تۈرك دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. بىز بۇ ئىككى ناخشىنى چۆرىدىگەن ھالدا، مۇزىكانت فاتما ئىشق قايا خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.