«گوللاندچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» گوللاندىيە خەلق كۇتۇپخانىسىغا قويۇلدى

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۇنجى نەشر قىلىنغان «گوللاندچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» مۇناسىۋىتى بىلەن 2011-يىلى 7-مارت گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھەرلىك خەلق كۇتۇپخانىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2011.03.08
gollandche-uyghurche-lughet-paaliyet-305.jpg تۇنجى نەشر قىلىنغان «گوللاندچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» مۇناسىۋىتى بىلەن 2011-يىلى 7-مارت ئامىستېردامدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى.
RFA/Pidaiy

پائالىيەتكە ئامىستېردام شەھەرلىك خەلق كۇتۇپخانىسى مەسئۇلى ئاننارەي بۇرېما (Annarij Boerema)، گوللاندىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى گوللاندىيە سپ پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى خارىي فان بوممىل (Harry Fan Bommel) ئەپەندى، تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى TASA دىن گۆكخان، گېرمانىيىدىكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسى ۋەكىلى تېمشىلتۇ (Temshiltu)، گوللاندىيىدىكى خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىدىن كارولىنا بېرەۋن (Carolina de Bruijn) ۋە گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن بەختىيار ناسىر ۋە غەيرەتجان روزى قاتارلىق خانىم-ئەپەندىلەر قاتناشتى.

gollandche-uyghurche-lughet-paaliyet1-385.jpg
تۇنجى نەشر قىلىنغان «گوللاندچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» مۇناسىۋىتى بىلەن 2011-يىلى 7-مارت ئامىستېردامدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى.
RFA/Pidaiy
ھەرقايسى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى مەزكۇر كىتابنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ساھەلەردە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىنى ياقىلىدى.

كىتاب ئاپتورىنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشالمىغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك مۇنازىرىلەر قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىللىقى سۆھبەتتە ئاساسىي تېمىغا ئايلاندى.

گوللاندچە-ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشر قىلىنغان بۇ لۇغەت گوللاندىيە خەلق كۇتۇپخانىسىغا قويۇلدى. بىر سائەت داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتتە گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلات رەھبەرلىرى گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن پائالىيەت تەشكىللىگۈچى ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بەرگۈچى شەخس ۋە ئورگانلارغا مۇكاپات شەكلىدە سوۋغات بۇيۇملىرى تەقدىم قىلىپ، بۇندىن كېيىنكى ياردەملىرى ئۈچۈن ئاساس سالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.