پائالىيەتكە ئامىستېردام شەھەرلىك خەلق كۇتۇپخانىسى مەسئۇلى ئاننارەي بۇرېما (Annarij Boerema)، گوللاندىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى گوللاندىيە سپ پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى خارىي فان بوممىل (Harry Fan Bommel) ئەپەندى، تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى TASA دىن گۆكخان، گېرمانىيىدىكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسى ۋەكىلى تېمشىلتۇ (Temshiltu)، گوللاندىيىدىكى خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىدىن كارولىنا بېرەۋن (Carolina de Bruijn) ۋە گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن بەختىيار ناسىر ۋە غەيرەتجان روزى قاتارلىق خانىم-ئەپەندىلەر قاتناشتى.

ھەرقايسى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى مەزكۇر كىتابنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ساھەلەردە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىنى ياقىلىدى.
كىتاب ئاپتورىنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشالمىغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك مۇنازىرىلەر قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىللىقى سۆھبەتتە ئاساسىي تېمىغا ئايلاندى.
گوللاندچە-ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشر قىلىنغان بۇ لۇغەت گوللاندىيە خەلق كۇتۇپخانىسىغا قويۇلدى. بىر سائەت داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتتە گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلات رەھبەرلىرى گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن پائالىيەت تەشكىللىگۈچى ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بەرگۈچى شەخس ۋە ئورگانلارغا مۇكاپات شەكلىدە سوۋغات بۇيۇملىرى تەقدىم قىلىپ، بۇندىن كېيىنكى ياردەملىرى ئۈچۈن ئاساس سالدى.