'ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇق' ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى

يېقىندا، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن "ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇق" دېگەن كىتاب نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاب سۈرىيىلىك مۇھەممەد ئەززۇھەيلى دېگەن كىشى تەرىپىدىن ئەرەب تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، كىتابنى ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇلئەھەد ھاپىز ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2009.03.18
Islamda-kishilik-hoquq-305 ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ "ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Arslan

بۇ كىتاپ بىر مۇقەددىمە ئىككى باب ۋە بىر خاتىمىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ھەر بىر باب بىر قانچە بۆلۈمگە ئايرىلغان. كىتابنىڭ بىرىنچى بابى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرى، كىشىلىك ھوقۇق تارىخى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى پرىنسىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئىككىنچى بابى بولسا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئاساسى ۋە سىياسىي ئامىللىرى، ئائىلە قانۇنى، تەلىم ‏- تەربىيە قانۇنى، ئىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش قانۇنى، مال ‏- مۈلۈك قانۇنى، پۇقرالىق قانۇنى، كۆچمەنلىك قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنلارنى شۇنداقلا فرانسىيە كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى، خەلقئارا ئىسلام كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

كىتابتا يەنە ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي پوزىتسىيىنىڭ ئاساسى پرىنسىپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، تارىخىي نوقتىنەزەردىن، قەدىمكى دەۋرگە ئائىت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش، ياۋرۇپا ۋە ئىسلام دۇنياسىدا قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە نەزەر تاشلاش.

كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى ‏- تەرۇز قىلغان بارلىق ئامىللارنى بىلىش، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەقسەت ‏- غايىلىرىنى ئىزاھلاش، شەرىئەت ۋە قانۇننىڭ دەلىللىرىنى، ھەر تۈرلۈك كېلىشىملەر، باياننامىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا تۈزۈلگەن شەرتنامىلەرنى چۈشىنىش. ئىنسانىي قانۇنلار بىلەن ئىسلام قانۇنىنى، فەقىھى مەزھەپلەر بىلەن ھەر تۈرلۈك پىكىر ئېقىملىرىنى ۋە خەلقئارالىق رەسمىي قانۇنلارنى سېلىشتۇرۇش نوقتىئىينەزىرىيىسى.

كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا شەرىئەت مەتىنلەر ۋە فەقىھى كىتابلاردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارنى ۋە پىكىرلەرنى، قانۇنىي ماددىلارنى، كېلىشمە ۋە باياننامىلەرنىڭ ئىبارىلىرىنى، ئالىملار، قانۇنشۇناسلار ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى دوكلاتلىرىدىن دەلىل ‏- پاكىت كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

399 بەتلىك بۇ كىتابنىڭ ئاخىرىدا كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى خەلقئارالىق ۋە ئىسلام دىنىدىكى باياننامىلەر، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىكى كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭ جازالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

بىز، بۇ كىتابنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن بۇ كىتاپ ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.