«كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى» گېرمانىيە سەھنىلىرىدە

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەشكىللىگەن «كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى» 14-ئۆكتەبىردىن باشلاپ گېرمانىيە سەھنىلىرىدە سەنئەت پائالىيەتلىرىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت 22-ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلىدىكەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011.10.19
Tarixchi-Nurnisa-xanim-senetkar-kamil-tursun-305.jpg تارىخچى نۇرنىسا خانىم سەنئەتكار كامىل تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن. 2011-يىلى ئۆكتەبىر، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

«كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان نۇرنىسا مۇتەللىپ خانىمنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ پائالىيەتتە ئورۇنلىنىۋاتقان ناخشا-ئۇسۇل، چۆچەك، رىۋايەتلەر ۋە ئىلمىي دوكلاتلار گېرمانىيە ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە ئىكەن.

karwan-uyghur-ansambili-385.jpg
«كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى» سەنئەتكارلىرى. 2011-يىلى 14-ئۆكتەبىر، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

مەزكۇر پائالىيەت گېرمانىيە ۋە گوللاندىيە سەنئەتكارلىرىنىڭ بىرلىكتە رول ئېلىشى بىلەن سەھنىلەرگە چىقىۋاتقان بولۇپ، مىللىيچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەن سەنئەتكارلارنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە قىياپەتلىرى تاماشىبىنلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. نۇرنىسا خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، تاماشىبىنلار بۇ ئۇيغۇرچە نومۇرلارغا ئالقىش ياغدۇرۇپلا قالماي، دەم ئېلىش پۇرسەتلىرىدە يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا بولغان قىزىقىشلىرىنى ئىپادىلىگەن.

karwan-uyghur-ansambili-tamashibin-385.jpg
«كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى» سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈۋاتقان تاماشىبىنلار. 2011-يىلى 14-ئۆكتەبىر، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

تارىخچى ھەم گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئۈچۈن گېرمان تىلى تەرجىمانى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرنىسا مۇتەللىپ خانىم بۇ قېتىمقى «كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى» پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.