بالىڭىز مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئاتلاشقا تەييارمۇ؟

يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاندى. ھۆرمەتلىك ئاتا بولغۇچى، بالىڭىز مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئاتلاشقا، يېڭى بىر مۇھىتقا كۆنۈشكە تەييارمۇ؟ مەكتەپكە بېرىش ئالدىدا بالىڭىزدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى، بالىڭىزنىڭ نېمىلەرنى ئويلاپ نېمىلەردىن قورقۇۋاتقانلىقى ۋە نېمىگە ئىككىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ سىزچۇ؟ بۇ مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپتىڭىزمۇ؟

0:00 / 0:00

كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەممە باسقۇچلىرىدا باشلىنىش نۇقتىسى بولىدۇ، مەكتەپكە كىرىش بالىلارنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، سېنتەبىر بالىلار ئۈچۈن يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىدىغان شۇنداق بىر مۇھىم مەزگىل. ئوقۇشنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى ئۇنىڭ ئوڭۇشلۇق باشلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەرلەردە يېڭى ئوقۇش باشلىدى، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدلىرى بولغان سەبىي ئوماق بالىلار، چىرايلىق يېڭى بوغچىلىرىغا، ياخشى كۆرىدىغان كىتاب ‏- ئويۇنچۇقلىرىنى، بادام، ياڭاقلىرىنى، گۈزەل ئارزۇلىرىنى، رەڭگارەڭ چۈشلىرىنى، ئاتا، ئانىلارنىڭ ئۈمىدلىرىنى تولدۇرۇپ سەكرىشىپ مەكتەپكە مېڭىشتى.

ئەمما بۇ كۈن،

مەكتەپكە بارىدىغان ھەممىلا بالاOpens in new window ]

ئۈچۈن ئۇنداق ھاياجانلىق، خۇشاللىق كۈن بولۇشى ناتايىن. شۇنداقلا ھەممىلا بالىنىڭ كالېندار بويىچىلا بۇ كۈنگە تەييار بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ستاتىستىكىلىق تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، يېڭى بىر مۇھىت، شۇنداقلا ئۇخلاش، ئويناش، تاماقلىنىشقا ئوخشاش كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ قايتىدىن پروگراممىلىنىشىغا نۇرغۇن بالىلار پىسخىكا جەھەتتىن تەييارلىنىپ بولالمايدۇ.

بولۇپمۇ، يېڭى مەكتەپ، يات مۇھىت، يات تىل مۇھىتى يېڭى ئوقۇش باشلىغان بالىلارغا نۇرغۇن ئەندىشە، ئىككىلىنىش، چۈشكۈنلىشىش ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ زور پىسخىكىلىق توسالغۇلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

ئاتا، ئانىلار ئۈچۈنمۇ بالىلىرىنى مەكتەپكە بېرىش، يېڭىچە ھاياتنىڭ باشلىنىشى، چۈنكى بالىلارنى مەكتەپكە كېچىكتۈرمەي ئاپىرىش ‏- ئەكىلىشمۇ نورمال تۇرمۇش رېتىمىگە بەلگىلىك جىددىيلىك ئېلىپ كېلىدۇ. يەنى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى بالىڭىزنىڭ خۇشال، خاتىرجەم، ساغلام باشلىشى، سىزنىڭمۇ خاتىرجەملىكىڭىز شۇنداقلا ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەملىكى. ئۇنداقتا بالىلار ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن ئۇلارنى قانداق تەييار قىلىش كېرەك؟ بالىلارنىڭ بارلىق پىسخىكا توسالغۇلارنى يېڭىپ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى كۈتۈۋېلىشىغا قانداق ياردەم بېرىش كېرەك ؟

بارلىق ياش ئاتا، ئانىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا ئامېرىكا مائارىپىدا ئاتا، ئانىلارغا مۇنداق مەسلىھەتلەر بېرىدۇ.

"يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى ئوڭۇشلۇق باشلاشنىڭ ئاچقۇچى - ئالدىن تەييارلىق كۆرۈش. يەنى ماددىي جەھەتتىن ئوقۇشقا كېرەكلىك ماتېرىياللار، كىيىم‏ - كېچەك، كېرەكلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ تەييارلاش، بالىنىڭ دەرس تەييارلىشىغا ئائىلىدە مۇۋاپىق مۇھىت يارىتىش، پىسخىكا جەھەتتىن بالا بىلەن يېڭى ئوقۇش باشلاش مەۋسۇمى يېڭى مەكتەپ مۇھىتىغا ماسلىشىش ھەققىدە سۆھبەتلىشىش، مەدەت بېرىش، يېڭى دوست، يېڭى ساۋاقداشلار بىلەن تونۇشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىگە ماس ۋاقىت ئادىتى، تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش، مەكتەپ مۇھىتى، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئالدىن تونۇشۇش."

ئۇنداقتا، ئالدىن ھازىرلايدىغان بۇ شەرتلەرنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆز بالىڭىزنىڭ تۇرمۇش ھەم ۋاقىت ئادىتىگە قانداق تەدبىقلاش كېرەك؟ ھەر بىر ئاتا، ئانىنىڭ پەرزەنتىنى مەكتەپكە، يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىگە تەييارلاشتا مەخپىي رېتسىپى بولىدۇ. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ياش ئانا ئاينۇر خانىم ئۆز بالىلىرىنى مەكتەپكە قانداق تەييار قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

ئاينۇر خانىمنىڭ تەجرىبىلىرىنىڭ، سىزنىڭمۇ پەرزەنتىڭىزنى يېڭى قوش مەۋسۈمىگە تەييار قىلىشقا پايدىلىق مەسلىھەت بولۇشىغا ئىشىنىمەن. ئۇنداقتا، پروگراممىمىز ئاخىرىدا يېڭى ئوقۇش باشلىغان بارلىق بالىلارنى مۇبارەكلەيمىز ھەمدە بۇ يېڭى مەكتەپ ھاياتىنىڭ خوشاللىق، نەتىجىلىك، كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىغا تىلەكداشمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.