'شەرقىي تۈركىستان ھەم مىللىي مۇستەقىللىق` ناملىق ئەسەر تۈركىيىدە نەشردىن چىقتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.02.11
2010.02.11
ئۆتكەن ئاي ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان `شەرقىي تۈركىستان ھەم مىللىي مۇستەقىللىق` ناملىق كىتاب تىل جەھەتتىن ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك ھەم ئىخچام قىلىپ ھازىرلانغان بولۇپ، كىتابقا جەمئى 95 پارچە خەت-چەك، ماقالە ۋە قىسقا شېئىرلار كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتاب 429 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، بۇنىڭدىكى خەتلەر-چەكلەر ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ چەتئەلدە ياشىغان 25 يىل جەريانىدا ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا، دۆلەت رەھبەرلىرىگە، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا ۋە تونۇلغان زاتلارغا يازغان خەتلەر ۋە چەتئەلدە ۋاپات بولغان تونۇلغان كىشىلەرگە يازغان تەزىيەنامىلىرىدىن تەركىپ تاپقان.
تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى مەسئۇلى تەتقىقاتچى جېلىل تۇران ئەپەندى `شەرقىي تۈركىستان ھەم مىللىي مۇستەقىللىق ' ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.