23-ئاپرېل مۇستەقىللىق ۋە بالىلار بايرىمىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

بۇ يىلقى بالىلار بايرىمىغا ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، ئەرەب دۆلەتلىرى، ياپونىيە، كورىيە، رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق 40 دۆلەتتىن 400 ئەتراپىدا ياش-ئۆسمۈر قاتناشتى.

0:00 / 0:00

23-ئاپرېل بالىلار بايرىمى تۈركىيىدە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئۇيغۇرلار مەزكۇر بايرام پائالىيىتىگە تېخىچە قاتنىشىپ باقمىغان ئىدى. بۈگۈن تۇنجى قېتىم 4 ياشتىكى مۇجاھىت قەشقەرلى ئۇيغۇر بالىلارغا ۋاكالىتەن تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدىكى بالىلار بايرىمى ئۈچۈن ھازىرلانغان مەخسۇس پروگراممىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى.

مۇجاھىت قەشقەرلى 23-ئاپرېل كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دە «يېڭى كۈن» ناملىق پروگراممىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر بالىلىرى نامىدىن پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە شائىرە نۈرئەلا گۆكتۈرك يازغان «بىز كىم» دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. پروگرامما رىياسەتچىسى لەۋەتن قول ئەپەندى بىلەن شاخ خانىم ئالدى بىلەن پۈتۈن دۇنيا بالىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، مۇجاھىت قەشقەرلىنى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن شېئىر ئوقۇشقا تەكلىپ قىلدى:
«دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە 23-ئاپرېل مۇستەقىللىق ۋە بالىلار بايرىمى تەنتەنە بىلەن تەبرىكلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادا ئۆز مۇستەقىللىقى ۋە ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقان، پەقەتلا بايرامنىلا ئەمەس، بەلكى بالىلىق چاغلىرىنى ئۆتكۈزەلمەيۋاتقان، زۇلۇم ۋە بېسىم تۈپەيلى كۆزلىرىدىن دائىم ياش ئېقىۋاتقان بالىلار بار دۆلەتلەر مەۋجۇت، بۇلارنىڭ بىرى شەرقىي تۈركىستان. شەرقىي تۈركىستانلىق ئەۋلادىمىز مۇجاھىت قەشقەرلى ھازىر ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى بىزگە يەتكۈزىدۇ. ئۇ ھازىر شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم يازغان «بىز كىم؟» دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانلىق بالىلارنىڭ دەرد -ئەلەملىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىدۇ» دېدى. 4 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسى مۇجاھىت قەشقەرلى شېئىرىنى باشلىدى.

تۈركىيە پارلامېنتى، 1921-يىلى 23-ئاپرېل كۈنىنى مىللىي بايرام، دەپ ئېلان قىلغان. 1927-يىلىغا كەلگەندە 23-ئاپرېل كۈنىنى مىللىي مۇستەقىللىق ۋە بالىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. 1979-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا پەقەتلا تۈركىيە بويىچە تەبرىكلەنگەن بۇ بايرام، 1979-يىلىدىن كېيىن خەلقئارالىق بالىلار بايرىمى سۈپىتىدە تەبرىكلەنمەكتە. بۇ يىل 40 دۆلەتتىن كەلگەن بالىلار بايرام پائالىيىتىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ يىلقى بۇ بايرامنىڭ شوئارى «ئۇرۇش-جېدەلسىز تىنچ بىر دۇنيا بەرپا قىلىش» دەپ ئاتالغان.