دوختۇر نازىم قەمبىرى يازغان `ئۇيغۇر تائاملىرى` ناملىق ئەسەر نەشردىن چىقتى (1)
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.01.06
2009.01.06
RFA Photo / Erkin Tarim
دوختۇر نازىم قەمبىرى كىتابىدا، دوختۇر سۈپىتىدە، كىتابخانلارنى ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئاساسلىق غىزالىرى بىلەن تونۇشتۇرۇپ، بەزى غىزالارنى تەييارلاش ئۇسۇللىرىنى، توغرا غىزالىنىشنىڭ پايدا - زىيانلىرى ۋە ئاشپەزلىككە ئائىت ئاتالغۇلار ھەم ئوزۇقلىنىش قائىدىلىرى ھەققىدە يېتەرلىك ئاممىباپ ساۋاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن ياشلىرىمىزنىڭ بۇ ساھەگە ئائىت ئاتالغۇ - تېرمىنلارنى بىلىۋېلىشىغا بۇ چاققان دەستۇر بىلەن ياردەم قىلىدۇ.
كىتابقا پەلسەپە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور، قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى ئاكادېمىكى، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئىلىم - پەن ئەربابى ئەزىز ئىساجانئوغلى نارېنبايېۋ مۇقەددىمە يېزىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ مۇقەددىمىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە شۇنداقلا ئۇيغۇر تائاملىرىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.
كىتاب جەمى 62 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابنى قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى نەشر قىلدۇرغان. كىتاب دوختۇر نازىم قەمبىرىنىڭ `بىزنىڭ سالامەتلىكىمىز نېمىنى، قاچان، قانچىلىك، قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن ئىستىمال قىلىشىمىزغا باغلىق` دېگەن سۆزى بىلەن باشلانغان بولۇپ، كىتاب ئىچىدە پۈتۈن ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ رەسىملىرىمۇ بېرىلگەندىن باشقا، ئۇيغۇر تائاملىرى، كۆكتات ۋە دورا - دەرمانلارنىڭ ئۇيغۇرچە رۇسچە ۋە خىتايچە ناملىرىمۇ بېرىلگەن. كىتابنىڭ ئاخىرىدا مۇئەللىپ نازىم قەمبىرىنىڭ تەرجىمىھالى بېرىلگەن.
بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر دىيارىدا، قازاقىستاندا، تۈركىيىدە ئۇيغۇر تائاملىرى ھەققىدە كىتابلار نەشر قىلىنغان بولۇپ، نازىم قەمبىرى يازغان كىتابنىڭ يۇقىرىدىكى كىتابلاردىن پەرقى، مۇئەللىپ نازىم قەمبىرىنىڭ دوختۇر بولغانلىقىدۇر. نازىم قەمبىرى ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان مەنپىي ۋە ئىجابىي تەسىرىنىمۇ ئىزاھلاپ بەرگەن.
بۇلاردىن باشقا نازىم قەمبىرىنىڭ بۇ ئەسىرى ئۇيغۇر غىزالىنىش تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئەسەردۇر.
نازىمبېك قاسىمجان ئوغلى قەمبىرى غۇلجا شەھىرىدىكى `ئۈمىد` مەكتىپىنى ۋە ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىنىڭ دارىلمۇئەللىمىن سىنىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1951 - يىلىدىن 1958 - يىلىغىچە خىتاينىڭ چاڭچۈن شەھىرىدە 1 - ھەربىي تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش فاكۇلتېتىنى تاماملىغان. 1966 - يىلىدىن بۇيان قىرغىزىستاندا نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
بۇ يىللاردا موسكۋا، لېنىنگراد، مىنىسكى، تاشكەنت، ئالماتا، بىشكەك شەھەرلىرىدە شەرق تىبابەتچىلىكى، يىڭنە بىلەن داۋالاش، شىپالىق تەنھەرىكەتلەر، ماسساج، شىپالىق پەرھىس قاتارلىق مۇتەخەسسىسلىكلەر بۇيىچە بىرنەچچە قېتىم سالاھىيىتىنى ئاشۇرۇش كۇرسلىرىغا ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقان.
دوختۇر نازىم قەمبىرى 5 تىببىي كىتاب، 200 دىن كۆپرەك ئىلمىي ۋە ئاممىباپ ماقالىنىڭ مۇئەللىپىدۇر. نازىم قەمبىرى دائىم ئۆز بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ كەسپى بۇيىچە ياۋرۇپا، خىتاي، ئەرەب، پارس ۋە ئۇيغۇر تىبابەتلىرىنى داۋاملىق ئۆگىنىپ كېلىۋاتقان ۋىراچتۇر.
دوختۇر نازىم قەمبىرى يەنە، ئۆز كەسپىدىن باشقا تىل - ئەدەبىيات، تارىخ، ساز - مۇزىكا، شېئىرىيەت، ناخشا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىغان كىشى، شۇنداقلا مىللىي ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ لەززەتلىك تائاملىرىنىڭ ھەقىقىي ئۇستىسى.
دوختۇر نازىم قەمبىرى ئۇيغۇر، رۇس، خىتاي تىللىرىنى مۇكەممەل بىلىدىغان، ئەرەب، فارس، نېمىس تىللىرىنى قىسمەن، قېرىنداش تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىللىرىنى ياخشى بىلىدىغان كۆپ تىللىق تەرجىماندۇر.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.