ئالماتادا «نۇرلۇق سېمالار» ناملىق مۇزىكىلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىيات كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا 2-مارت كۈنى ئالماتادىكى يازغۇچىلار زالىدا ئالەمدىن ئۆتكەن پېشقەدەم ئەدەبىياتچىلارنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «نۇرلۇق سېمالار» ناملىق مۇزىكىلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

خاتىرىلەش پائالىيىتى جەريانىدا نۇرغۇن پېشقەدەم ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ، جۈملىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تۇرغۇن ئالماس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ كىتابلىرى، رەسىملىرى ۋە تەرجىمىھالى تونۇشتۇرۇلدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.