0:00 / 0:00
گوللاندىيىدىن بارغان ۋەكىللەردىن ھال سوراش ۋە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن گوللاندىيە بىرلەشمە ھەيئەت گۇرۇپپىسى باشلىقى سادىقجاننى زىيارەت قىلىپ باردۇق.
سادىقجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى پىلان شەكلىدە ئورتىغا قويۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسى بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە مۇسابىقىنىڭ گوللاندىيىدىكى ياشلارنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى رەسمىي قارار قىلىنغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي سۆھبەتتىن ۋاقىپ بولغايسىلەر.