ياش رەسسام ئىندىرا بادامبايېۋا: مەن قۇياشنى ياخشى كۆرىمەن

ئالماتا شەھىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت مۇزېيىدا ياش رەسسام ئىندىرا بادامبايېۋانىڭ «قۇياش چىققان تەرەپتە» ماۋزۇسىدا شەخسىي كۆرگەزمىسى بولۇپ ئۆتتى.

0:00 / 0:00

8-ئاپرېلدىن 21-ئاپرېلغىچە سوزۇلغان مەزكۇر كۆرگەزمىگە رەسسامنىڭ بەش يىل داۋامىدا ئىجات قىلغان ئەللىكتىن ئوشۇق ئەسىرى قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.

كۆرگەزمە ماۋزۇسى شۇنى يارقىن كۆرسىتىدۇكى، ئاپتور ھاياتنى، جاھاننى، ئەڭ مۇھىمى، قۇياشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىدە دېگۈدەك ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ تەبىئەت كۆرۈنۈشلىرى ئەكس ئەتكەن رەسىملىرىنىڭ كىشىنى تىنچلاندۇرۇش، راھەتلەندۈرۈش خۇسۇسىيەتلىرى، تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ سېھىرلىك كۆرۈنۈشلىرى، ئۇنىڭ يىراق دالالىرىدىكى چەكسىزلىك، گۈزەللىك ۋە ئۇلۇغلۇق، زامانداشلىرىنىڭ يارقىن قىياپىتى، رەسىملەردىكى بوياقلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن پات-پاتلا ئالمىشىپ تۇرۇشى ھەقىقەتەنمۇ تاماشىبىننىڭ كۆڭلىگە ئارام، ئۈمىد ۋە سەۋرلىك بېغىشلايدۇ.

ressam-indira-badambayewa-ijadiyiti-385.jpg
ياش رەسسام ئىندىرا بادامبايېۋانىڭ ئىجادىيىتى. (RFA/oyghan)

ياش رەسسامنىڭ ئەسەرلىرىنى يۇقىرى باھالىغان ژۈرگېنوف نامىدىكى سەنئەت مىللىي ئاكادېمىيىسىنىڭ سەنئەت تارىخى، كىنو تەنقىدى، ئىجادىيەت پسىخولوگىيىسى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بايان بارمانقۇلوۋا مۇنداق دېگەن: ياش ۋە تالانتلىق رەسسامنىڭ ئىجادىدا بەش يىل مابەينىدە كۆپلىگەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن. ئۇنىڭ بالىلىق ئوي-تەسەۋۋۇرى، كۆز قارىشى، ئاددىي ئۇسلۇب-پەدەزلەشلىرى ئۆتمۈشكە كېتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا چوڭقۇر مەنىلىك، خىلمۇ-خىل رەڭلىك ۋە ماۋزۇلۇق، ژانىر ۋە شەكلى جەھەتتىن باي بوياقلار كېلىپ، ئۇلار كىشىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە نازۇك سېزىملەرنى كۆرۈشكە مۇمكىنچىلىك بېرىدۇ.

ئىندىرا بادامبايېۋا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئىجادىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، رەسساملىقنىڭ بەزى سىرلىرى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.