قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرى يېڭى مەۋسۈمىنى «ئانارخان» درامىسى بىلەن باشلىدى

29-ئۆكتەبىر كۈنى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى 79-مەۋسۈمىنى ئادەتتىكىدەك «ئانارخان» كلاسسىك مۇزىكىلىق درامىسى بىلەن باشلىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012.10.30

جالال ئاسىموف ۋە ئابدۇلھەي سادىروف يازغان مەزكۇر درامىنى «قۇرمېت» ئوردېنىنىڭ ساھىبى، تالانتلىق رېژىسسور مۇھىتجان ھېزىموف سەھنىلەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇنى قويۇشقا بولۇپمۇ ياش ئارتىسلار جەلپ قىلىنغان ئىدى. مەۋسۈمنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز ئالغان مەزكۇر تىياتىر مۇدىرى ساۋۇتجان سونۇروف ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئوچىقى بولغان تىياتىرنىڭ ئۆز تاماشىبىنلىرى ئۈچۈن ياخشى تەييارلانغانلىقىنى ھەم سەنئەتخۇمار تاماشىبىنلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆپىيىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، ئۇيغۇر تىياتىرى «ئانارخان» درامىسىنى قويۇشتا دايىم تاماشىبىنلىرىنىڭ كۆڭلىدىن چىقىپ كەلگەن ھەم بۇ دايىم ئالاھىدە تەكىتلىنىپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى قويۇلۇشقا، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ كۆپرەك كەلگەنلىكىنى ئېيتىش كېرەك. ئەنە شۇ ياشلار «ئانارخان» كلاسسىك ئەسەرىنى قانداق قوبۇل قىلدى ھەم بۈگۈنكى زاماندا ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى قانداق چۈشىنىدۇ؟

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا ۋىلايىتى تالغىر ناھىيىسىنىڭ تۇرغۇنى خالمىنەم مەسىموۋا بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.