شۋېتسىيىدە قازاقىستانلىق توي رىياسەتچىسى ئوقۇغان «ئۇيغۇرۇم» ناملىق شېئىر توي قاتناشچىلىرىنى ھاياجانغا سالدى
2012.11.15
بېزىلەر ھەتتا ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن مەخسۇس توي رىياسەتچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، توي كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرماقتا.
بۇ قېتىم ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن تويغا قازاقىستاندىن تونۇلغان توي رىياسەتچىسىنى مەخسۇس تەكلىپ قىلغان بولۇپ، توي رىياسەتچىلىكى ئۇيغۇر، رۇس ۋە شىۋېت تىللىرىدا تەڭ ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇر تىلىدا رىياسەتچىلىك ئېلىپ بارغان باتۇر ئەپەندىنىڭ قىزىقارلىق سۆزلىرى ۋە قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوقۇغان شېئىرلىرى توينىڭ كەيپىياتىغا ئۆزگىچە تۈس بەردى.
بىز تويدا ئوقۇلغان شېئىرنىڭ مەزمۇنىدىن رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن، تويدىن كېيىن باتۇر ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. باتۇر ئەپەندى زىيارىتىمىزنىڭ بىرىنچى جۈملىسىنى «ئۇيغۇرۇم» دېگەن شېئىرى بىلەن باشلىدى.
توي رىياسەتچىلىكى ئۇيغۇر توي مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، توينىڭ تەرتىپلىك، قىزىقارلىق ۋە تەربىيىۋى مەنە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. شۇڭا ئۇيغۇر خەلقى تارىختىن بۇيان توي رىياسەتچىلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ، يۇرت-يۇرت، مەھەللە-مەھەلىلەردە توي رىياسەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەخسۇس كىشىلەر بارلىققا كەلگەن. ئادەتتە توي رىياسەتچىلىكىنى بىلىملىك، قىزىقچى، نۇتقى ياخشى، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر ئۆتەيدۇ.