مەزكۇر كىتاب تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردىن تەركىپ تاپقان:
بىرىنچى بۆلۈمى، `تۇنجى ئۇيغۇر دۇنيا خەرىتىسى ۋە ئۇنىڭدىكى ياپونىيە ئاتالغۇسى` دېگەن ماقالە بولۇپ، بۇ تەتقىقات ماقالىسى بۇ يىل 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ياپونىيە كاگوشىما خەلقارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئالىمى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ مىڭ يىللىقىنى مەخسۇس خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ماقالە بولۇپ، ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتالىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى ماركو پولودىن 400 يىل ئاۋۋال ئۇيغۇر ئالىمى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق بۈيۈك ئەسىرىدە ياپونىيە خەرىتىسىنى سىزغانلىقى ۋە ئۇنىڭدا ياپونىيە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىش بىلەن بىرگە بۈگۈنكى ياپونىيىنى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ "جابىرقا" نامى بىلەن ئۆز ئەسىرىدە ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت يېڭى تارىخىي كۆز - قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەتقىقات ماقالىسىدۇر.
ئىككىنچى بۆلۈمى، `ياپون ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدىكى مو ۋە يا قوشۇمچىلىرىنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى` دېگەن ماقالە بولۇپ مەزكۇر ماقالە بۇ يىل 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 6 - نۆۋەتلىك تۈرك تىلى قۇرۇلتىيىدا ئوقۇلغان ماقالە بولۇپ، ماقالىدە ئۇيغۇر ۋە ياپون تىللىرىنىڭ گرامماتىكىلىق جەھەتلەردىكى ئوخشاشلىقى ۋە بەزى بىر پەرقلەر ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ماقالىسىدۇر.
ئۈچىنچى بۆلۈمى، "قۇتادغۇ بىلىكتىكى درامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر" دېگەن ماقالە بولۇپ ئاپتور ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزىم دەۋرىدىكى سەھنە ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن شېئىرىي داستان شۇنداقلا چوڭ ھەجىمدىكى ئەسەر ھېسابلانغان ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇ بىلىك ناملىق ئەسىرىدىكى درامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر توغرىسىدا سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان ماقالە بولۇپ، مەزكۇر ماقالە 2005 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئەدەبىياتى يىغىنىدا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ماقالىدۇر.
بۇ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى، ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ھاجى قۇتلۇق قادىرى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ ھاجى قۇتلۇق قادىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.