تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا نورۇز بايرىمىنى ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇن 8-ئەسىردىن بېرى قۇتلاپ كەلمەكتە ئىكەن. بۇرۇن يېڭى كۈن دەپ ئاتالغان نورۇز، ئۇيغۇرلار ئىران مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن نورۇز دەپ ئاتىلىشقا باشلانغان. بۇ بايرام بۈگۈن تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە، ئىستانبۇل، ئىزمىر ۋە ئاداناغا ئوخشاش شەھەرلىرىدە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتلەرگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تۈركىيىگە كەلگەن قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردىن سەنئەتچىلەر قاتناشتى. ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم تۈرك دۇنياسى نورۇز پائالىيىتىگە قاتناشتى.
21-مارت سائەت 11 دە ئەنقەرە رەسىم ھەيكەل مۇزېيىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمى پائالىيىتىگە تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە 15 دۆلەتتىن كەلگەن سەنئەتچىلەر قاتناشتى. ئالدى بىلەن تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي ئېچىلىش نۇتقى قىلىپ تۈرك دۇنياسىنىڭ شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ نورۇز بايرىمىنى قۇتلىدى.

ئۇ ھەرقايسى دۆلەتتىن كەلگەن سەنئەتچىلەرنى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ، بۇ يىلقى نورۇز بايرىمىمىزغا خىتاي سەنئەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرمۇ قاتناشتى، دەپ ئۇيغۇرلارنى ئايرىم تىلغا ئالدى. قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن، تۇۋا سەنئەتچىلىرىدىن كېيىن ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر مەشرەپ ناملىق ئويۇنىنى كۆرسەتتى. تاماشىبىنلار بۇ ئويۇننى ئۆرە تۇرۇپ ئۇزۇن چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى.
ئەنقەرەدىن باشقا ئىستانبۇل، ئىزمىر ۋە قەيسەرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. بىز نورۇز بايرىمى ۋە بۇ يىلقى نورۇز پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.