تۈركىيىدە ئۇيغۇر ئىزلىرى (3)

تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىن قىرىق كىلومېتر يىراقلىقتىكى 13 مىڭ نوپۇسقا ئىگە بۈنيان ناھىيىسى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئىزلىرى ئەڭ كۆپ بولغان جايلارنىڭ بىرىدۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.09.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Anatoliyidiki-Samaghir-Noyan-qewrisi-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻯ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﺮ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ 13 ﻣﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯜﻧﻴﺎﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻣﺎﻏﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻣﺎﻏﯩﺮ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﻪﺑﺮﻩ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺋﺎﻱ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻛﯚﻙ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بىز 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئىزلىرىنى ئىزدەپ بۈنيان ناھىيىسىنىڭ ساماغىر يېزىسىغا كەلدۇق. ساماغىر يېزىسىدا ئەسلىدە 457 نوپۇس بار بولۇپ، ھازىر 100 ئەتراپىدا نوپۇس قالغان. بۇ يېزا بىر قاراشقا ئۇرۇشتا خاراپ بولغان تاشلىنىپ كەتكەن يېزىغا ئوخشاپ كەتسىمۇ، يەنىلا بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلار بار ئىكەن.

ساماغىر يېزىسىدىكى ياشلار ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چوڭ شەھەرلەرگە كۆچۈپ كەتكەچكە يېزىدا موماي ۋە بوۋايلارلا قالغان. يېزىغا كەلگىنىمىزدە ھويلىسىدا ئولتۇرغان مۇستافا بېيازىت ئىسىملىك 70 ياشلىق بىر كىشىنى كۆردۇق. ئۇ كىشى يېنىمىزغا كېلىپ "يېزىمىزغا خوش كەپسىلەر" دەپ بىزنى كۈتۈۋالدى.
Anatoliyidiki-Samaghir-yezisi-Boway-Mustafa-ailisi-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ، ﺩﺭ. ﻧﻪﺑﯩﺠﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ، ﺧﺎﻳﺮﯗﻟﻼﻫ ﺋﻪﻓﻪﻧﺪﯨﮕﯩﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻘﺎﺩﯨﺮ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺳﺎﻣﺎﻏﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﺎﻓﺎ ﺑﯧﻴﺎﺯﯨﺖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن "يېزىدىكى گۈمبەز ھەققىدە مەلۇمات بېرەلەمسىز؟" دەپ سورىغىنىمىزدا مۇستافا تاغا بەكمۇ سۆيۈندى ۋە بىزنى بۇ يەردىكى بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان گۈمبەزگە باشلاپ ماڭدى. بىز گۈمبەزگە قاراپ ماڭغاچ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

-- بۇ يېزىنىڭ ئىسمى نېمە؟

-- ساماغىر يېزىسى.

-- ساماغىر ئىسمى نەدىن كەلگەن ئىكەن؟

-- بۇ يەردە قەبرىسى بار بولغان ئابدۇراخمان غازى، مەلىك غازى بىلەن جەڭ قىلىپتۇ . جەڭدە ئابدۇراخمان غازى "سالما قىر" يەنى "قويۇپ بەرمەي ئۆلتۈر" دەپ بۇيرۇق بەرگەن ئىكەن. بۇ يېزىنىڭ ئىسمى ئەنە شۇ سۆزدىن كەلگەن. بۇ گۈمبەز ھەققىدە مۇستافا ئەرارسلان ئىسىملىك كىشى كىتاب يازدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ گۈمبەز تۈركىستاندىن كەلگەن ساماغىر نويان ئىسىملىك بىر قومانداننىڭ قەبرىسى ئىكەن. يېزىمىزدىكى ئىنسانلار ھەر دائىم بۇ گۈمبەزگە كېلىپ دۇئا قىلىشىدۇ - دەپ جاۋاب بەردى بوۋاي.

گۈمبەزنىڭ ئىچىدە ئابدۇراخمان غازىنىڭ قەبرىسى بار بولۇپ، قەبرىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى تامغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق سىزىلغان. بۇ بايراقنىڭ قاچان سىزىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، بوۋاي بۇنىڭ خېلى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى سىزىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ساماغىر يېزىسىنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن مۇستافا بېيازىت تاغا بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. مۇستافا بېيازىت تاغىنىڭ ئايالىمۇ خۇددى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئوخشاشلا بىزگە مېھمان دوستلۇقىنى كۆرسەتتى. مۇستافا تاغا بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن ھاياجانلانغانلىقىدىن ئىختىيارسىز ھالدا بىزنى قۇچاقلاپ باغرىغا باستى. ئۇ بىزگە: "مەن تېلېۋىزوردىن شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلارنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. ئۆتكەن يىلى 5 - ئىيۇلدا خىتايلار ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى قىرىۋەتتى. كۆڭلىمىز بەك يېرىم بولدى. خۇدا سىلەرگە ياردەم قىلسۇن" دېدى.

مەن، در. نەبىجان تۇرسۇن، خايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، قەيسەرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئابدۇلقادىر تۈمتۈرك قاتارلىق كىشىلەر بۇ تارىخىي يېزىدىن ئايرىلغان ۋاقتىمىزدا مۇستافا بېيازىت ئائىلىسى بىز بىلەن خۇددى ئۆز پەرزەنتى بىلەن خۇشلاشقاندەك خوشلىشىپ بىزنى يولغا سېلىپ قويدى.

تۈركىيىدە نەشىر قىلىنغان تارىخ كىتابلىرىدا بۇ ساماغىر يېزىسىنىڭ ئىسمىنىڭ 13 - ئەسىردە ئاناتولىيىنى باشقۇرغان ئىلخانلار دۆلىتىنىڭ ۋالىلىرىدىن ساماغىر نوياننىڭ ئىسمىدىن كەلگەنلىكى يېزىلغان. تارىخ كىتابلىرىدا ساماغىر نويان ھەققىدە تۆۋەندىكى مەلۇماتلار بېرىلگەن.

موڭغۇللار ئاناتولىيىنى باشقۇرغان دەۋر ئىلخانلار دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. موڭغۇللار ئاناتولىيىنى تۈركىي قوۋملاردىن بولغان ۋالىيلار ئارقىلىق باشقۇرغان ئىكەن. ساماغىر نويان 1265 - 1277 - يىللىرىدا ئاباقا خان تەرىپىدىن ئىلخانلارنىڭ قوماندانلىق ئۇنۋانى بىلەن ئاناتولىيىگە ئەۋەتىلگەن بىر كىشى ئىكەن.

ساماغىر نويان 13 - ئەسىردە ئىلخانلار دۆلىتىگە تەۋە قەيسەرىنىڭ ۋالىسى بولۇپ خىزمەت ئۆتىگەن. داڭلىق تارىخچى پروفېسسور دوكتور زەكى ۋەلىدى توغان، ساماغىر نوياننىڭ قارا تاتار قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققانلىقى، يەنى ئۇنىڭ ئەسلى نەسلىنىڭ موڭغۇل ئىكەنلىكىنى يازغان.

تارىخچى پروفېسسور دوكتور ئاخمەت تېمۇر بولسا ساماغىر نوياننىڭ تۈركىستاندىن كەلگەن، تۈرك نەسلىدىن كېلىپ چىققان جەسۇر قەھرىمان ئىكەنلىكىنى يازغان.

پروفېسسور دوكتور ھارۇن گۈنگۆر ئەپەندى، "قەيسەرىدىكى مۇقەددەس جايلار" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، ساماغىر يېزىسىدىكى ئابدۇراخمان غازى قەبرىسىنى، ساماغىر سۇلتان قەبرىسى دەپ ئاتىغان. شۇنىڭ بىلەن تارىخچىلار ئارىسىدا ئابدۇراخمان غازى قەبرىسىنىڭ ساماغىر نوياننىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كۆز قاراش ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.