بېشكەكتە قىرغىزىستان ئۇيغۇر مەشرىپى باشلانغانلىقىنىڭ 5 يىللىقى خاتىرىلەندى

مەشرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تەلىم -تەربىيە ۋە تەشكىلى پائالىيىتىدۇر.

0:00 / 0:00

شۇ نۇقتىدىن مەشرەپ مەملىكەت ئىچىدىلا ئەمەس، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىمۇ ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ ئەھمىيىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن 5 يىل بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ مەشرىپىنى باشلىغان ئىدى. ئالدىنقى كۈنى 350 كە يېقىن ئۇيغۇر بېشكەك شەھىرىدىكى بىر رېستورانغا يىغىلىپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇر مەشرىپى باشلانغانلىقىنىڭ 5 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن. پائالىيەتكە قىرغىزىستاندىكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.