ئالىي مەكتەپ ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئىشسىز قېلىش خەۋپىگە يۈزلەنمەكتە

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بارغانچە ئومۇملىشىۋاتقان "قوش تىللىق مەكتەپلەر"دە، ئەدەبىيات دەرسىلا ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلگەندىن باشقا، بارلىق دەرسلەر خىتاي تىلىدا ئۆتۈلۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئازلاپ كەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-09-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ ئەھۋال ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسلەرنى خىتاي تىلىدا ئۆتۈشكە مەجبۇر بولۇش، لاياقەتلىك بولمىغانلار ئىشتىن توختاش، ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرس سائىتى يېتىشمەسلىك، ھەتتا ئىشسىز قېلىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى "قوش تىللىق مائارىپ" نامىدىكى بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇيغۇر مائارىپىنى ۋەيران قىلىش بىلەنلا قالماستىن، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانلار ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق مەنپەئەتلىرىدىنمۇ پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلار سۆزلىرىدە، نۆۋەتتە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەدەبىيات دەرسىدىن باشقا بارلىق دەرسلەر خىتاي تىلىدا ئۆتۈلۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ھازىر ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىجتىمائىي پەن كەسپىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى مەنبەلىرى بارغانچە ئازلاپ، ئەسلىدىنلا خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمدى ئىشسىز قېلىشتەك پاجىئەلىك قىسمەتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئۇيغۇر ئانا تىلى مائارىپىنىڭ پۈتۈنلەي بەربات بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇتقۇچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، مائارىپ ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ يىل ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىگە ناھايىتى ئاز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغانلىقى، ھەتتا بەزى كەسىپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ فاكۇلتېتىغا ئوخشاش بىر قىسىم فاكۇلتېتلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلار كەسىپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلگىرى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى، ئۇيغۇر مائارىپىنى ۋەيران قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈنمۇ ئەڭ زور خەۋپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتقۇچىلارغا خىتاي تىلى 8 - دەرىجىدىن ئۆتۈش تەلەپ قىلىنغاندىن سىرت، خىتاي تىلىدا لاياقەتلىك كىنىشكىسى ئېلىپ، كەسپى دەرسلەرنى خىتاي تىلىدا ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس مىتوتىنى باھالاشقا، مەخسۇس خىتاي ئوقۇتقۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان خىزمەت گۇرۇپپىلىرى تەسىس قىلىنغان. ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرس مۇنبىرىدە داۋاملىق تۇرۇش ياكى مۇنبەردىن ئايرىلىپ قېلىشى مانا مۇشۇ گۇرۇپپىدىكى خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قارارىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

مانا مۇشۇ خىل خىتاي ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن دەرس مىتوتىنى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ئەمەتجان ئۈستىدىن قىزىل باشلىق ھۆججەت چىقىرىلىپ، 50 ياش ئەتراپىدىكى بۇ ئوقۇتقۇچى دەرس مۇنبىرىدىن قالدۇرۇلغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش باشقارمىسىدىكى مەلۇم خىزمەتچى خادىممۇ، ئەمەتجاننىڭ خىتاي تىلىدىكى دەرس مېتودى لاياقەتلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ دەرس ئۆتۈشتىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەكتەپ تەۋەسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەمەتجانغا ئوخشاش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەقەتلا خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈش مېتودى ئۆلچەم قىلىنىپ، خىزمەتتىن قالدۇرۇلۇشىدەك ئەھۋال ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.

ئىلشات ئەپەندى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرسىنى خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرى ئاڭلاپ باھالاشنىڭ پېداگوگىكا پرىنسىپلىرىغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي قانۇنىغىمۇ خىلاپ بولۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان تەڭسىزلىك، مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە خەلقئارانىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە قارىماي، رايوندىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئانا تىلى بويىچە دەرس ئۆتۈش داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرى ۋەيران بولۇش گىردابىغا يۈزلەندى.

نۆۋەتتە بۇ خىل ئەھۋال خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر مائارىپ تارماقلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت