ئۇيغۇر تاماقلىرى تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا تونۇشتۇرۇلدى

يېقىندىن بېرى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن «ت رت ئاۋاز»، «قانال د تېلېۋىزىيىسى» ، «ن ت ۋ» ۋە «س ن ن تۈرك تېلېۋىزىيىسى» ئارقا -ئارقىدىن ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تونۇشتۇردى.

0:00 / 0:00

بۇ پروگراممىلاردا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ توپقاپى دېگەن يېرىدىكى تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان زىننەت ئۇيغۇر رېستورانى تونۇشتۇرۇلدى. بۇ پروگراممىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن تاماق تۈرلىرى تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ دۇنيا تاماق مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى. داڭلىق تاماق پروگراممىسى رىياسەتچىسى مەمەت ياشىن ئەپەندى «س ن ن تۈرك تېلېۋىزىيىسى» دىكى «لەززەت دۇراغى» ناملىق پروگراممىسىدا سەيياھ ماركوپولو شەرقىي تۈركىستاننى ساياھەت قىلغاندا لەڭمەننى كۆرۈپ ئىتالىيىگە بارغاندىن كېيىن ئىتالىيىنىڭ ماكورىنى چۆپىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئېيتتى.

memet-yashin-restorant-xojayini-abduleziz-bilen-385.jpg
مەمەت-ياشىن-رەستورانت-خوجايىنى ئابدۇلەزىز بىلەن. 2011-يىلى ماي. (RFA/Erkin Tarim)

مەمەت ياشىن ئەپەندى گۆش ناننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ پىززانىڭمۇ گۆش ناندىن كەلگەن بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

تېلېۋىزىيىدە بۇ خىل خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرىنىڭ خېرىدارلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان. ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ئىدارە-جەمئىيەتلەر چوڭ يىغىن ئاچقاندا ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا تاماق يەيدىكەن، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغلىرىنى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن. بىز ئىستانبۇل توپقاپىدىكى زىننەت رېستورانى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاشخانىنىڭ خوجايىنى ئابدۇلەزىز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.