ۋاقىتنى تېجەشنىڭ 20 ئۇسۇلى

كۇۋېيتتا چىقىدىغان «ئەل مۇجتەمە» ژۇرنىلىدا «ۋاقىتنى تېجەشنىڭ 20 ئۇسۇلى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.10.19

ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
1. ئەقلىڭىزنى ئەڭ مەنپەئەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىڭ. چۈنكى ئىنسان ئەقلىنى توغرا يوللارغا سەرپ قىلغىنىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشىنى ۋە سۇلۇكىنى تىزگىنلەشتە تايىنىدىغان ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر ئاساسقا ئىگە بولغان بولىدۇ.
2. ۋاقىتنى سەرپ قىلىشتا ئۆزىڭىزدىن ھېساب ئېلىشنى بىلىڭ. ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزدىن «مەن ۋاقتىمنى راستىنىلا توغرا يوسۇندا ۋە پايدىلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىۋاتىمەنمۇ؟ ۋاقىتنى تېجەشنى بىلىۋاتىمەنمۇ؟» دېگەن سوئاللارنى سوراپ تۇرۇڭ.
3. بۈگۈنىڭىزنى تۈنۈگۈندىن ئەۋزەل ھەم پايدىلىق قىلىڭ.
4. قولغا كەلگەن پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىشنى بىلىڭ. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىڭ. ئىنسانغا ھاياتىدا ئىككى خىل پۇرسەت كېلىدۇ. بىرى تەييار ئۇچراپ قالغان پۇرسەت، يەنە بىرى، سىز ئىجاد قىلىدىغان پۇرسەت. ئەمما شۇ ئېنىقكى، پۇرسەتلەر ناھايىتى تىز ئۆتۈپ كېتىدۇ ۋە ساقلاشنى زادى بىلمەيدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ پۇرسەتلەر كەتكەندىمۇ قايتا كەلمەسكە كېتىپ قالىدۇ.
5. ئىشتا جىددىي بولۇڭ. بەزى كىشىلەر جىددىي بولۇشنى كېچە-كۈندۈز يېڭىنى تۈرگەن ھالدا، ئالاقزادىلىك بىلەن تۇرۇش دەپ چۈشىنىۋالىدۇ. ئەپسۇسكى ئۇنداق قىلىش جىددىيلىك ئەمەس.
6. چىداملىق ۋە سەۋرلىك بولۇڭ. چۈنكى تەجرىبىلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا چىداملىق بولۇش ۋە جاپاغا چىداپ، توختىماستىن ئىشلەش غەلىبىنىڭ سىرلىرىدىن بىرىدۇر.
7. تەجرىبىلەرنى خاتىرىلەپ ساقلاڭ. چۈنكى ھاياتلىقتىن ئالغان ئۆز تەجرىبىلىرىڭىزنى ۋە باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى خاتىرىلەپ ساقلاش غەلىبىنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىدۇ.
8. ۋاقتىڭىزنى چىڭ تۇتۇڭ. بىر ھەدىستە: « ئۆمرۈڭنى پۇل-مېلىڭنى چىڭ تۇتقاندىنمۇ بەك چىڭ تۇتقىن»دەپ كەلگەن.
9. باشلىغان ئىشىڭىزنى ئاخىرىغا چىقارماستىن بولدى قىلماڭ.
10. مول ھوسۇل بېرىش يوللىرىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ تۇرۇڭ.
11. مەغلۇبىيەتنى غەلىبىنىڭ يولى قىلىۋېلىڭ.
12. ئەڭ يامان شارائىتلاردىمۇ ۋاقىتنى تېجەشنى قولدىن بەرمەڭ. چۈنكى ئادەتتىكى شارائىتلاردا ھەر كىم ۋاقتىنى تېجەپ ئىش قىلالايدۇ. ئەمما يامان شارائىتلاردا ۋاقىت خۇددى سۇدەك ئېقىپ كېتىدۇ.
13. ھەر ئىشتا ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ. چۈنكى ئۆزىگە تايىنىش ئادەمنىڭ ئىچىدىكى زاپاس ئېنېرگىيىنى پارتلىتىپ سىرتقا چىقىرىدۇ.
14. باشقىلاردىن ياردەم سوراشنى سەل چاغلىماڭ. چۈنكى ئىنسان قانچىلىك مۇكەممەل بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ يەنىلا ئۇ باشقىلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولىدۇ. باشقىلارنى ھەمكارلىققا چاقىرىش دېگەن مەسئۇلىيەتتىن قېچىش مەنىسىگە كەلمەيدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ تەجرىبىسىدىن پايدىلىش مەنىسىگە كېلىدۇ.
15. تىرىشىڭ، ئىجتىھات قىلىڭ، ئۈمىدسىز بولماڭ.
16. ھىممىتىڭىز بىلەن ئۇچۇڭكى، ھۇرۇنلۇق بىلەن ئۇخلىماڭ. بىر ھەدىستە:« ئادەم ھىممىتى بىلەن، قۇشلار ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدۇ»دەپ كەلگەن.
17. ئىشنى قېتىرقىنىپ تىز قىلىشنى ئادەت قىلىۋېلىڭ.
18. بەرگەن ۋەدىگە ۋاپا قىلىڭ. چۈنكى ۋەدىدە تۇرماسلىق، ۋەدىلەشكەن جايغا بارماسلىق قارشى تەرەپنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئوغرىلىغانلىقتۇر.
19. كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن قاراڭ. غەلىبە قىلىش ئۈچۈن مۇنۇ ئۈچ نەرسىنى ئۇنتۇماسلىق لازىم: ئۆتمۈشتىن ئىبرەت ئېلىش، ھازىرنى غەنىيمەت بىلىش ۋە كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن بېقىش.
20. ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش يولىدا باشقىلار بىلەن بەسلىشىڭ. ئۇنۇتماڭكى، بەسلىشىش پەقەت ۋاقىت بىلەن بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.