«تۈرك دۇنياسىدا خەلق قوشاقلىرى ۋە تىل-ئەدەبىياتنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلار

تۈركىيە ئەرزۇرۇم ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2011-يىلى 5‏-ئاينىڭ 3-4-كۈنلىرى تۈرك دۇنياسىدا خەلق قوشاقلىرى ۋە تىل-ئەدەبىياتنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا ئەرزۇرۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. بۇ يىغىنغا يەنە قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ئىران ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق 20 دۆلەتتىن يازغۇچى، ئەدەبىياتچىلار ۋە خەلق قوشاقچىلىرى قاتناشتى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچى پروفېسسور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئاكا - ئۇكا ئۇيغۇر ئەلنەغمىچىلىرى يۈسۈپ پوسما ۋە مەمەتئىمىن پوسما قاتارلىق شەخسلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

erzurum-university-rektorigha-385.jpg
ئەرزۇرۇم ئۇنىۋېرسىتېتى رەكتورىغا ئۇيغۇر دوپپىسى ھەدىيە قىلىندى. 2011-يىلى 4-ماي. (RFA/Arslan)

يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن خەلق قوشاقچىلىرى نۆۋەت بىلەن سەھنىگە چىقىپ ھەر خىل سازلار چېلىپ ئۆزلىرى تەييارلىغان خەلق قوشاقلىرىنى تەقدىم قىلدى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان ئەلنەغمىچى يۈسۈپ پوسما ۋە مەمەتئىمىن پوسمالار ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن غۇلجا ناخشىلىرى، قەشقەر خەلق ناخشىلىرى، «ئاتۇش سەنىمى» دېگەنگە ئوخشاش ئۇيغۇر خەلق ناخشا - مۇزىكىلىرى تەقدىم قىلدى.

turk-dunyasida-til-edibiyat-385.jpg
2011-يىلى 5‏-ئاينىڭ 3-4-كۈنلىرى تۈرك دۇنياسىدا خەلق قوشاقلىرى ۋە تىل-ئەدەبىياتنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. (RFA/Arslan)

يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈن يەنى 4‏- ماي «تۈرك دۇنياسىدا تىل-ئەدەبىياتنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىندا تۈرك دۇنياسىنىڭ ھازىرقى تىل - ئەدەبىيات سەنئىتى توغرىسىدا يازغۇچى شائىرلار سۆز قىلدى. بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق قوشاقلىرى ۋە تىل ئەدەبىياتى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇر خەلق قوشاقچىلىرىدىن، سەلەي چاققان، سادىر پالۋان، رۇزەك باشى قاتارلىق ئۇيغۇر قوشاقچىلىرى ھەم خەلق قوشاقلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى. يىغىن ئاخىرىدا سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى ئەرزۇرۇم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رېكتورى ھېكەت كوچاك ئەپەندىگە كىتاب ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى ھەدىيە قىلدى.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئەرزۇرۇم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئېلى كاپكاسىيەلى دېگەن كىشى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئېلى كاپكاسىيەلى بۇ پائالىيەت ۋە يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: ئەرزۇرۇم خەلقى قوشاقچىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بىر خەلق، ئەرزۇرۇمدا 100 گە يېقىن خەلق قوشاقچىسى بار. بۇ يىغىننىڭ يەنە بىر مەقسىتى شۇكى، ئەرزۇرۇم ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭ بىر ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ 40 مىڭ ئوقۇغۇچى بار، تۈرك قوشاقچىلىقىنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى ۋەزىيىتىنى، ئەھمىيىتىنى بۇ ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا بىلدۈرۈش ۋە تۈرك دۇنياسىدىكى قوشاقچىلىرىمىزنى بىر‏- بىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، تونۇشتۇرۇش شۇنداقلا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ خەلق قوشاقچىلىقىنى ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىلەن زىيالىيلىرىمىزغا تونۇشتۇرۇپ بىر يەرگە جەم قىلىش مەقسەتتە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇردۇق، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ئۆز خەلقىنى، تىل ئەدەبىياتى بىلەن، خەلق قوشاقلىرى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرالمىغان زىيالىيلار زىيالىيلىقتىن چىقىپ ئاددىي كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ، زىيالىيلىرىمىزنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتچىلىرىدىن، قوشاقچىلاردىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك كۆپ بىلىم بار، خەلق قوشاقچىلارمۇ زىيالىيلاردىن، ئاكادېمىكلاردىن ئۆگىنىدىغان مۇھىم بىلىم بار، بۇلارنى ئۆز - ئارا ئۇچراشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردۇق، ئاللاھغا كۆپ شۈكۈر ئېيتىمەن، پائالىيەت بەك گۈزەل ئۆتكۈزۈلدى.

دوكتور ئېلى كاپكاسىيەلى ئەپەندى، تۈرك دۇنياسىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىزنىڭ تۈرك ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرىدۇر، تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسىرى «تۈركىي دىللار دىۋانى» نى يازغان مەھمۇت قەشقىرى شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىنىڭ باغرىدىن چىققان قىممەتلىك ئالىمىمىز. قىممەتلىك دېيىش ئازلىق قىلىدۇ، ئۇ بىر تەڭداشسىز ئالىم. خوجا ئەخمەت يەسەۋىينىڭ ئىزلىرى ئۇ يەردە بار، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىزلىرى بار، ئۇيغۇرلار قەدىمى تۈرك خەلقى ۋە شەرقىي تۈركىستان تارىختا قۇرۇلغان تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختى بولغان بىر رايون. ئۇ يەر ھەر ساھەدە ئۆزىگە خاس ئايرىم بىر ئەھمىيەتكە ئىگە تۈرك رايونى ۋە تۈرك خەلق.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان پروفېسسور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ۋە مەمەتئىمىن پوسما قاتارلىق شەخسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.