«يىپەك يولى تارىم» ئاشخانىسى ياپونىيىلىكلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن

بىر مىللەتنىڭ يېمەك-ئىچمەك كۈلتۈرى، ئۇ مىللەتنى دۇنياغا تونۇتۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەردىن بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشى بىلەن بىرلىكتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ سانىمۇ كۆپەيمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.06.13
yipek-yoli-tarim-ashxanisi-305.jpg توكيو شەھىرىدىكى «يىپەك يولى تارىم» رېستورانىنىڭ ئالدى كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى ماي.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدىكى «يىپەك يولى تارىم» رېستورانى 2 يىل بۇرۇن ئېچىلغان بولۇپ، لەززەتلىك ئۇيغۇر تاماقلىرى بىلەن ياپونىيىلىك خېرىدارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.لەززەتلىك ئۇيغۇر تاماقلىرى بىلەن ياپونىيىلىكلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن، ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بويىچە بېزەلگەن «يىپەك يولى تارىم» رېستورانىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى ماي، توكيو.

بىز ئۆتكەن ئاي ياپونىيىدىكى ۋاقتىمىزدا ئاشخانىدا غىزالاندۇق ۋە ئاشخانا خوجايىنى سىراجىدىن كېرىم ئەپەندى بىلەن بۇ ئاشخانا ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ بىزگە بۇ رېستوراننىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن نيۇ-يورك، فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ، رۇسىيىنىڭ پايتەختى موسكۋا ۋە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھەرلىرىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدىن كېيىن ئېچىلغان ئاشخانا بولۇپ، ئۇيغۇر تاماق كۈلتۈرىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ياپونىيىلىكلەرگە تونۇتۇشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى دېدى.توكيو شەھىرىدىكى «يىپەك يولى تارىم» رېستورانىنىڭ خوجايىنى سىراجىدىن كېرەم ئاشپەزلەرگە ياردەم قىلماقتا. 2012-يىلى ماي.

ئۇ ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ دۇنيادا كۆپىيىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇنىڭ ئۇيغۇر ئاشپەزلەرنى چەتئەلگە ئېلىپ چىقىشنىڭ قىيىنلىقىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

«يىپەك يولى تارىم» ئاشخانىسى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىنىڭ شىنسۇ رايونىدا 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، ئاشخانىنىڭ ئىچى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بويىچە بېزەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئاشخانىنىڭ ئىچىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى چالغۇ-ئەسۋابلىرى ۋە ئۇيغۇرلار تونۇتۇلغان كىتابلار قويۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.