سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى بىر قېتىملىق كۆلىمى چوڭ چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىنىپ، بىراقلا 11 شاھزادە، تۆت ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مىنىستىر ۋە ئونلىغان سابىق مىنىستىرلار چىرىكلىك قىلمىشلىرى گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى مەخسۇس چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قىلىش كومىتېتى تەسىس قىلغان بولۇپ، مەزكۇر كومىتېت قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشىشى بىلەن تەڭلا 11 شاھزادىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە سابىق مىنىستىرلارنى تۇتقۇن قىلغان. ئەمما ھازىرچە بۇ تۇتقۇن قىلىنغان شاھزادىلەر ۋە باشقىلارنىڭ ئىسىملىرى ئېلان قىلىنمىغان. مەزكۇر كومىتېت يەنە 2009-يىلى جىددە شەھىرىدە يۈز بەرگەن 10 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان سۇ ئاپىتى ۋە 2012-يىلى تارقالغان ئوتتۇرا شەرق نەپەس يوللىرى كېسەللىك ۋىرۇسى مەسىلىسى قاتارلىقلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر كومىتېتنىڭ باشلىقلىقىغا تەخت ۋارىسى قىلىپ بېكىتىلگەن شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمان تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا قولغا ئېلىش، ساياھەت چەكلىمىسى قويۇش، بانكا ھېسابىنى تەكشۈرۈش ۋە توڭلىتىش ھوقۇقى بېرىلگەن. سەئۇدى پادىشاھى سالمان شەنبە كۈنى بولسا يەنە سەئۇدى مىللىي مۇھاپىزەت ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىرىنى ئالماشتۇرغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىزاھات بېرىلمىگەن ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتىمۇ ئىشقا كىرىشكەن.