مالايشىيادىكى 11 ئۇيغۇرنىڭ سوتى 24‏-ئاپرېلغا كېچىكتۈرۈلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.03.21

مالايسىيا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى تايلاند تۈرمىسىدىن قاچقان ۋە بۇ يىل فېۋرالدا مالايشىيادا تۇتۇلغان 11 نەپەر ئۇيغۇر بۈگۈن، يەنى 21‏-مارت كۈنى سوتقا تارتىلغان، ئەمما تۈركچە تەرجىمان بولمىغانلىقى ئۈچۈن سوتلاش داۋام قىلالمىغان ۋە سوت ۋاقتى 24-ئاپرېلغا كېچىكتۈرۈلگەن.

بۇ 11 ئۇيغۇرنىڭ ئادۇكاتى فەخمى موئىن بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئۇلارنىڭ «مالايسىيا كۆچمەنلەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش، يەنى مالايشىياغا رۇخسەتسىز كىرىش» بىلەن ئەيىبلىنىش ئېھتىماللىقىنى بايان قىلغان. ئەمما ئۇ مالايسىيا دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىش ۋە قايتۇرماسلىق مەسىلىسىدە ھازىرچە بىر نېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خەلقئارا خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، 11 ئۇيغۇر تۇتۇلغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى مالايشىيادىن ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى مالايشىيانى بۇ 11 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان. ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرى، ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ھاياتىي بىخەتەرلىكىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

بۇ 11 ئۇيغۇر 4 يىلنىڭ ئالدىدا تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا تايلاندتا تۇتۇلۇپ قېلىپ ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن 200 چە ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمى 2015‏-يىلى خىتايغا قايتۇرۇلغان، بىر قىسمى تۈركىيەگە يۆتكەلگەن. تايلاندتا قېپقالغانلىرىدىن 20 نەپىرى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى تۈرمە تېمىنى تېشىپ ۋە يوتقان-ئەدياللىرىنى ئارقان قىلىپ تۈرمىدىن قېچىپ چىققان ئىدى.

بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە تۈرمىدىن قېچىپ مالايشىيادا تۇتۇلۇپ قالغان زەكەرىيا ئارمان قاتارلىق بۇ 11 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ 20 ياش بىلەن 40 ياش ئارىسىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.