مالايسىيادا تۇتۇلغان 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سوتى 5-ئىيۇل كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.05.31

مالايسىيادا چىقىدىغان «بېرناما» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى تايلاند تۈرمىسىدىن قاچقان ۋە بۇ يىل فېۋرالدا مالايسىيادا تۇتۇلغان 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سوتى 5-ئىيۇل كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ سوتى بۇندىن ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم تەرجىمان بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.

مەزكۇر 11 نەپەر ئۇيغۇر 4 يىلنىڭ ئالدىدا تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا تايلاندتا تۇتۇلۇپ قېلىپ ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن 200 چە ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمى 2015‏-يىلى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىلگەن، يەنە بىر قىسمى تۈركىيەگە يۆتكەلگەن ئىدى. تايلاندتا قەپ قالغانلىرىدىن 20 نەپىرى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى تۈرمە تېمىنى تېشىپ ۋە يوتقان-ئەدياللىرىنى ئارقان قىلىپ تۈرمىدىن قاچقان. ئۇلار مالايسىيا چېگراسى ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن مالايسىيا ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلار نۆۋەتتە مالايسىيا چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مالايسىيادىن 11 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان. ئەمما ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى مالايسىيا ھۆكۈمىتىنى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان. ھالبۇكى، مالايسىيا دائىرىلىرى بۇ ھەقتە بىلدۈرگەن بىر ئىپادىسىدە «مەزكۇر ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇش ياكى قايتۇرماسلىق مالايسىيانىڭ ئىختىيارىدىكى بىر ئىش» دېگەن.

«بېرناما» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مالايسىيادا تۇتۇلۇپ قالغان ئوسمان ئابباس، ئالىم ئوسمان قاتارلىق قاتارلىق 11 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 20 ياش بىلەن 40 ياش ئارىلىقىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.