«تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دىكى ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئىككى مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-08-03
Share

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال تاكى يېقىنغىچە «بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر سولانغان» دېگەن شەكىلدە مەلۇم بولۇپ كەلگەن ئىدى. نۆۋەتتە بۇ ساننىڭ ئاللىقاچان ئۈچ مىليونغا يېقىنلىشىپ قالغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە.

«خىتاي ئىنسان ھەقلىرى مۇھاپىزەتچىلىرى» جەمئىيىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئاساسىدا 3-ئاۋغۇست كۈنى ئۆزلىرىنىڭ تور بېتىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ ئوخشاش بولمىغان «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلاردا قاماقتا ياكى مەجبۇرىي شەكىلدىكى «ئۆگىنىش» تە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر جەمئىيەت ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يوشۇرۇن تەكشۈرۈش جەريانىدا «جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىن ئاز دېگەندىمۇ 660 مىڭ ئۇيغۇر ئۆيلىرىدىن ‹تەربىيىلەش مەركەزلىرى› گە ئېلىپ كېتىلگەن. بىر مىليون ئۈچ يۈز مىڭ ئۇيغۇر بولسا ناھىيە ۋە يېزىلاردا مەجبۇرىي شەكىلدىكى كۈندۈزلۈك ياكى كەچلىك ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتناشماقتا» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

ئۇلار قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا بەزىلەر «بىزنىڭ يېزىدا ھازىر ئەر كىشى قالمىدى» دېگەن؛ يەنە بەزىلەر بولسا «كەتمەن چاپالايدىغانلىكى ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر تۈرمىدە. يېزىمىزدا ھازىر ھېچقانداق ئەمگەك كۈچى قالمىدى» دېگەن. يەنە بىر ئۇيغۇر ئايال بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «يېزىمىزدا ئىككى مىڭ نوپۇس بار ئىدى. بۇلاردىن ئىككى يۈز كىشى ناھىيىدىكى ‹ئۆگىنىش مەركىزى› گە ئېلىپ كېتىلدى. قالغانلار يېزىمىزدىكى مەركەزدە ئۆگىنىشكە قاتنىشىمىز. 15 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا قاتنىشىشى، ئۇ جايدا خىتايچە تىل ۋە خىتاي قانۇنلىرىنى ئۆگىنىشى لازىم» دېگەن. ئۇيغۇرلار دىيارىدا 20 يىلدىن بۇيان سودا قىلىپ كېلىۋاتقان بىر خىتاي سودىگەر «ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزىلاردا ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر قالمىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ‹قايتا تەربىيىلەش› تە» دېگەن.

قەشقەردىكى تەكشۈرۈشتە ئاز دېگەندىمۇ 20 پىرسەنتتىن 40 پىرسەنتكىچە بولغان ئاھالىنىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكى، ئومۇمى نوپۇسى 11مىليوندىن ئاشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ 30 پىرسەنتى مۇشۇ خىلدىكى مەركەزلەردە دەپ ھېسابلىغاندىمۇ ئاز دېگەندە 3.3 مىليون ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى «ئۆگىنىش» كە بەند قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان. 

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىلدىكى جازا سەۋەبى ۋە جازا چېكى نامەلۇم ھالدا زور ساندىكى ئاھالىنى تۇتقۇن قىلىۋېلىش خىتاينىڭ تۈرلۈك قانۇنلىرىغا ھەمدە خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تا ھازىرغىچە بۇ مەركەزلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، 26-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە بېغىشلانغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رايان سام نۆۋەتتىكى «بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ‹ئۆگىنىش مەركەزلىرى› گە يىغىۋېلىنغان» دېگەن ئۇچۇرنىڭ 2017-يىلىدىكى مەلۇمات ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدىن بۇيانقى ئون ئايغا يېقىن ۋاقىتتا يەنە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقى ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئۆتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت