نورۋېگىيەدىكى رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرلىرىنى بۇنىڭدىن 23 يىل ئاۋۋال يۈز بەرگەن غۇلجا «5-فېۋرال ۋەقەسى» نى باستۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بار ئەمەلدارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرغان. باياناتتا، 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ غۇلجا شەھرىدە نامايىش قىلىپ، تەڭ باراۋەرلىك، دىنىي، مەدەنىيەت ۋە سۆز ئەركىنلىكى، شۇنداقلا ئىرقىي كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. باياناتتا يەنە خىتاي دائىرلىرىنىڭ نامايىشنى قوراللىق باستۇرغانلىقى تەنقىد قىلىنىپ: «بىز 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان قۇربانلارنى خاتىرىلەيمىز. بۇ ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئەڭ زۇلمەتلىك بىر سەھىپىسى. ھالبۇكى، بىز بۇ مۇسىبەتلىك خاتىرە كۈنىدىن پايدىلىنىپ يېقىنقى يىللاردا قولغا ئېلىنغان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسى بولىمىز» دېيىلگەن.
غۇلجا «5-فېۋرال ۋەقەسى» ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر ۋەقەدە قانچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكى، قانچىسىنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە 3 خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن ھېچقاچان ئۆلگەن، قاماققا ئېلىنغان ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ باقمىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 1999-يىلى 4-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «5-فېۋرال ۋەقەسى» گە غۇلجا مەشرىپىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى سەۋەب بولغان.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ خادىمى زۇبەيرە شەمشىدىن 7-فېۋرال «خوڭكوڭ ئەركىن ئاخبارات» تورىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە، غۇلجا ياشلىرىنىڭ ئابدۇخېلىلنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ئاساسى قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان نامايىشى قانلىق باستۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى 5-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا، غۇلجا ۋەقەسىگە چېتىلىپ ھازىرغىچە قاماقتا يېتىۋاتقان بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى، خىتاي دائىرلىرىنىڭ بۇ ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، نامايىشچىلارنى باستۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بار ئەمەلدارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان.