«13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى 40 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.01.01


29-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى «يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى ۋە ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، يەنى 2020-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىن 40 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاخباراتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «2020-يىلىغىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى ئومۇمىي ئىستېمال قىممىتى 70 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ. ئاپتونوم رايون بويىچە ساياھەتچىلىك كىنىشكىسى بېجىرگەن نامرات كەنت 600 گە يەتكۈزۈلۈپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئاشۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 300 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مەسىلىسى ھەل بولىدۇ.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ يوقىرىقى ئاخباراتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن كۆزەتكۈچىلەرنى كۈچلۈك ئەندىشىگە سالماقتا.

ئۇلار بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش ئىستېراتېگىيەسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى خورىتىپ، رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى. خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تۈركۈملەپ كۆچۈرۈلىشى رايوندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي ئېقىمدىن چەتلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا خىرىس ئېلىپ كەلدى. ئەمدىلىكتە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى دېگەن ۋىۋىسكا بىلەن 40 مىليۇن ئاتالمىش «ساياھەتچى» نى جەلپ قىلىشى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بوستانلىق مەدەنىيىتىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا غايىپ قىلىۋېتىشى مۇمكىن، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.