37 تەشكىلات ئامېرىكا تاموژنا دائىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

لانتوس كىشىلىك ھوقۇق فوندى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى قاتارلىق 37 خەلقئارا تەشكىلات يېقىندا ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى مارك مورگانغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. بىرلەشمە ئىمزالىق مەكتۇپتا، خىتاينىڭ شىنجاڭ ۋە باشقا جايلاردا كىشىلەرنى سىستېمىلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر مۇھىم دەلىللەر بارلىقى، ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىۋاتقان پاختا، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلئىقى تەكىتلەنگەن.

مەكتۇپتا ئامېرىكادىكى «خىتاي پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: «خىتاي شىركەتلىرى ۋە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقارغۇچى بولغان خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزىنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىشچى بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. مەزكۇر ‹پاختا گۇلاگلىرى› خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتى بولغان شىنجاڭنى بازا قىلىپ، خىتاي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 84 % نى ئىشلەپچىقارماقتا» دېيىلگەن.

«خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» يېقىندا «يالغانچىلىقنىڭ گەزمىلى ‏-پاختا: شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە خىتاينىڭ يەرشارى تەمىنات زەنجىرى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توقۇمىچىلىق كارخانىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، لاگېردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرىدا ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر نۇرغۇن دەلىللەر ئاشكارىلانغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2018‏-يىلى 450 مىڭ ئۇيغۇرنى بۇ كارخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى. مەكتۇپتا، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ھادىسە ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ: «شۇڭا، ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسى تۈركمەنىستاننىڭ پاختا مەھسۇلاتىنى چەكلىگەندەك خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغىمۇ ئوخشاش ئۆلچەم قويۇشى كېرەك» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت