ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: «خىتاي بىلەن توقۇنۇش يۈز بېرىشىنى خالىمايمىز، ئەمما مەنپەئەتىمىز تەھدىتكە ئۇچرىغاندا قورقۇپ قالمايمىز»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.07.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

CNN تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن 27-ئىيۇل كۈنى سىنگاپور خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ھىندۇ-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەشەببۇسى ۋە قىلمىشلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھالقىلىق مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى كۆپلىگەن رايونلاردا ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تەرغىپ قىلىشى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ. خىتاي ھۆكۈمىتى تالاش-تارتىشلارنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشنى خالىمايدۇ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلمايدۇ. خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىلا ئەمەس، ھىندىستانغا قىلغان تاجاۋۇزلۇق ھۇجۇمى، تەيۋەن خەلقىنىڭ تىنچلىقىنى بۇزۇش ھەرىكەتلىرى ۋە باشقا تەھدىتلىرى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىدىن بىز بۇنى ئوچۇق كۆردۇق».

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بىر كۈن ئاۋۋال ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنسىتىرى ۋىندى شېرمان باشچىلىقىدىكى ئۆمەك خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىق ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە قاتتىق تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن. بۇمۇ نۆۋەتتە بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى نامايەن قىلىدىكەن.

لويىد ئوستىن يەنە، خىتاي شۇنچە كۆپ تەھدىتلەرنى پەيدا قىلغان ئەھۋالدىمۇ ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن ھەربىي توقۇنۇشقا كىرمەيدىغانلىقىنى، ئەمما دۆلەت مەنپەئەتى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغاندا ئارقىغا چېكىنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىلەن چوقۇم ئۇرۇشىمىز دېمەيمىز، ئەمما مەنپەئەتىمىز تەھدىتكە ئۇچرىغاندا قورقۇپ قالمايمىز».

لويىد ئوستىن يەنە ئامېرىكانىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىستراتېگىيە ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنى ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن بىرسىنى تاللاشقا مەجبۇرلىمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇلارنى ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ كورونا ۋىرۇسى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە رايون بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.