بېلگىيە ئادرىيان زېنزنىڭ پېيىگە چۈشكەن خىتاي جاسۇسى گۇماندارى ئۈستىدىن جىنايى تەكشۈرۈش باشلىغان
2024.01.12
بېلگىيە دائىرىلىرى خىتاي تەرىپىدىن لاگېر تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنزنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈشكە ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن بېلگىيەلىك ئوڭ قانات سىياسىيون فرانك كرېيېلمان ئۈستىدىن خىتاي ئىستىخباراتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش گۇمانى بىلەن جىنايى تەكشۈرۈش باشلىغان.
يېقىندا «مالىيە ۋاقتى» گېزىتى»، گېرمانىيەنىڭ «ئەينەك»، فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتلىرى بىرلىكتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بېلگىيە «ۋلامىس بېلاڭ» رادىكال ئوڭ قانات پارتىيەسىنىڭ سابىق ئەزاسى فرانك كرېيېلماننىڭ ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 10-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، بېلگىيە دائىرىلىرى بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە كرېيېلمان ۋە باشقا گۇماندارلارنىڭ ھەرىكىتى بېلگىيەدە جاسۇسلۇق قىلمىشى، دەپ قارالمىغاچقا ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتماي كەلگەنىكەن.
لېكىن بېلگىيە ئەدلىيە مىنىستىرى پائۇل فون تېگچېلت 10-يانۋار چارشەنبە كۈنى فرانك كرېيېلماننىڭ دېلوسى بېلگىيە فېدىراتسىيە ساقچى ئىدارىسىنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن فېدىراتسىيە تەپتىش دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېلگىيە فېدىراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئېرىك فون دۇيس، «فېدىراتسىيە تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ رەسمىي تەكشۈرۈش باشلىغانلىقى» نى دەلىللىگەن. ئەمما ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغان.
بېلگىيە ئەدلىيە مىنىستىرى فون تېگچېلت، فرانك كرېلېيماننىڭ دېلوسى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا فېدىراتسىيە ساقچى ئىدارىسى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ تەپتىش دائىرىلىرىگە يوللانغالىقىنى ئېيتقان. «مالىيە ۋاقتى»، «ئەينەك» ۋە لې موندې» گېزىتلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، كرېلېيماننىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىدىن يوليورۇق ئالغانلىقى، ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، لاگېر مۇتەخەسسىسى ئادرىيان زېنزنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈشكە بۇيرۇلغانلىقىغا ئائىت ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىغان.
بېلگىيە تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ فرانك كرېلېيمان ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇشى، بېلگىيە باش مىنىستىرى ئالېكساندىر دې كرۇ 11 ۋە 12-يانۋار كۈنلىرى خىتايدا زىيارەتتە بولغان بىر پەيتكە توغرا كەلدى. دې كرۇنىڭ خىتاي زىيارىتى باشلانغان 11-يانۋار كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، بېلگىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتايدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان.