ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتى خىزمەتچى ئېلىشتا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى كەمسىتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ iPhone ناملىق يانفون ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى، تەيۋەن «خوڭخەي تېخنولوگىيە گۇرۇھى» نىڭ جېڭجۇدىكى iPhone ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى كەمسىتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

«ئىنكستون» ناملىق بىر شەرقىي ئاسىيا خەۋەر مۇنبىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ھۆددىگەرلىك شىركىتىنىڭ جېڭجۇ شەھىرىدىكى زاۋۇتى يېقىندا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلان چىقارغان.

ئېلاندا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماس قىلماسلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. «خوڭخەي گۇرۇھى» دەك ئالما شىركىتى ئۈچۈن iPhone ناملىق يانفون ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر شىركەتنىڭ ئېلانىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كەمسىتىلىشى مەزكۇر خەۋەر مۇنبىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، «ئىنكستون» نىڭ مۇخبىرى 11‏-مارت كۈنى «خوڭخەي گۇرۇھى» بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگەن.

خەلقئارادا «فوكسكان» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان «خوڭخەي گۇرۇھى» مەزكۇر ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقى، خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتىكى كەمسىتىش قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر شىركەت «ئىنكستون» غا ئەۋەتكەن باياناتىدا، «بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغىغان بۇ ۋەقەدە بىر ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئورنى بىزنىڭ رۇخسىتىمىزسىز ۋە فوكسكاننىڭ ماقۇللۇقىسىز ئىشقا تونۇشتۇرۇشتا بىزنىڭ نامىمىزنى قانۇنسىز قوللانغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇ شىركەت «مەزكۇر قانۇنسىز ۋەقەنى دەرھال يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە مەلۇم قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئورنى سۈرۈشتۈرۈلمەكتە» ئىكەن. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر «خوڭخەي گۇرۇھى» مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئالمايدىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامايدىغانلىقىنىڭ رېئاللىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

«ئىنكستون» نىڭ خەۋىرىدە، بۇ ۋەقە ئالما شىركىتىگە iPhone ئىشلەيدىغان خىتايدىكى زاۋۇتلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى تۇنجى قېتىم كەمسىتىشى ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 2013‏-يىلى ئالما شىركىتىگە iPhone ئىشلەپچىقىرىدىغان پېگاترون ناملىق شىركەتنىڭ خىتايدىكى ئىككى زاۋۇتى ئوخشاشلا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىكەن. ئەينى چاغدا «خىتاي ئەمگەك كۆزىتىش تەشكىلاتى» بۇ زاۋۇتلارنىڭ تۇڭگان، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىكەن.