ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىدا تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.02.04

3-فېۋرال كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلىنىپ 4-فېۋرال كۈنىمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەر تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا دوكلات بەرگەن ژۇرنالىست ۋە تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىما (Nyrola Elima) 11 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە قويۇپ، ب د ت نى «ئۇلارغا مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىشكە» چاقىرغان. نىرولا ئەلىما يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەرنى كونكرېت ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تېز ئارىدا بىخەتەر جايغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا چاقىرغان. نىرولا ئەلىمانىڭ ئۆتكەن يىلى ئامېرىكالىق ژۇرنالىست بېن مائۇك بىلەن بىرلىشىپ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تايلاند ئارقىلىق چەت ئەلگە قېچىشى تېمىسىدىكى «خىتايدىن جەسۇرلۇق بىلەن قېچىپ قۇتۇلۇش: ئاۋارىچىلىكنىڭ باشلىنىشى» ماۋزۇلۇق تەكشۈرۈش دوكلاتى زور تەسىر قوزغىغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يۇمىلاق ئۈستەل ئالاھىدە يىغىنىغا ئۇيغۇرلاردىن يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس قاتارلىق پائالىيەتچىلەر قاتناشماقتىكەن. دىنىي زاتلار، سىياسىيونلار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچىلەر قاتناشقان بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا دۇنيا مىقياسىدا دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش توغرىلىق ئىنتايىن مۇھىم مۇزاكىرىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، باستۇرۇش، مىليونلىغان كىشىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى، لاگېرلارغا قامىلىشى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلىنىشىگە قارشى تەدبىر ئېلىشنىڭ جىددىيلىكىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرىنىڭ يىغىنى ترامپنىڭ بىرىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق دەۋرىدە باشلانغان.

بۇ نۆۋەت دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ترامپنىڭ بۇ يىل 20-يانۋار 2-قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدىنلا چاقىرىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ھالقىلىق قانۇنى نۇقتىلار ۋە مۇھىم سىياسىي تەۋسىيەلەرنى بېرىشكە مەركەزلىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.