ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرلۈك سىياسىي باستۇرۇش ۋە مىللىي پاجىئەلەر دۇنياغا كۆپلەپ ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زۇلۇملارغا شېرىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا بېرىشى ھەققىدە كۆپلىگەن چۇقانلار ئوتتۇرىغا چىققانىدى. يېقىندا مۇشۇ ئىشلار بىلەن ياخشى تونۇشلۇقى بولغان كىشىلەر «بلومبېرگ خەۋەرلىرى» گە بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ ھەقتىكى بارلىق تەدبىرلەرنىڭ بەكمۇ قاتتىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى» دېگەن.
1-ئىيۇلدىكى بۇ گېزىت خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاقساراينىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى يىرىكلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولۇۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازاغا تارتىش ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جىددىي ئويلىشىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى «فوكس خەۋەرلىرى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئۇيغۇر قانۇنى ھازىر رەسمىي قانۇنغا ئايلاندى. ئەمدى ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى جىددىي ئويلىشىۋاتىمىز» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى باستۇرۇشى بىلەن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى تېخىمۇ سوغۇقلاشقان. بۇ بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا بىر قىسىم «قاتتىق» تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىشىنى تېخىمۇ تېزلىتىشى مۇمكىن ئىكەن.