ئامېرىكا تۇتۇپ قالغان مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرى ئىچىدە ئاپتوموبىل ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ماللار كۆپەيگەن
2025.01.31
ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى نۆۋەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق ئاپتوموبىل ۋە ئايروپىلان مەھسۇلاتلىرى ياكى زاپچاسلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلگەن.
بۇ ھەقتە، «ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» تورى 31-يانۋار ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، 2024-يىل ئامېرىكا چېگرا ۋە تاموژنا قوغداش ئىدارىسى قىممىتى 1 مىليارد 780 مىليون دوللارلىق مالنى تۇتۇپ قالغان بولۇپ، 2023- يىلدىكىدىن 45 پىرسەنت ئاشقان. ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزۈلمىگەن بۇ ماللارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئاپتوموبىل ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار بولۇپ، 753 تۈرلۈك مەھسۇلات تۇتۇپ قېلىنغان.
2024-يىل 5-ئايدا ئامېرىكا تاموژنا ئورۇنلىرى BMW ۋە ۋولكىسۋاگېن ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن ماشىنا زاپچاسلىرىنى ئالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان ھەمدە ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى. نۆۋەتتە ئامېرىكا تاموژنا ئورۇنلىرى ئاپتوموبىل سانائىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكاغا كېلىپ تۇتۇپ قېلىنغان ماللار ئىچىدە خىتايدىن، ۋىيېتنامدىن ۋە مالايسىيادىن كەلگەنلىرىدىن باشقا، ھىندىستان بىلەن تايلاندتىن كېلىپ تۇتۇپ قېلىنغان ماللارنىڭ مىقدارى داۋاملىق كۆپەيمەكتە ئىكەن. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قارا تىزىملىككە ئالغان خىتاي شىركىتى 150 كە يېقىنلاپ قالغان. بۇنىڭ ئىچىدە «شىنجاڭ جۇڭخې»، «شىنجاڭ رەڭلىك مېتاللىرى» دېگەندەك چوڭ شىركەتلەرمۇ بار ئىكەن. بۇ شىركەتلەر كەم ئۇچرايدىغان كان بايلىقلىرى، توك ئاپتوموبىللىرىغا كېرەكلىك باتارېيەگە ئىشلىتىدىغان لىتىيۇم، كۈنتاختا ياساشقا كېرەكلىك كىرىستاللىق كىرىمنى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغانلىقتىن چەكلەنگەن.