ئامېرىكا تاموژناسى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق چاچ مەھسۇلاتلىرىنى مۇسادىرە قىلىش بۇيرۇقى چىقاردى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «نامراتلىقنى تۈگىتىش» نامىدا ئۇيغۇر دېھقانلارنى ۋە لاگېر مەھبۇسلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ھەرقايسى ساھەنىڭ كەسكىن تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن ئىدى.

1-ماي كۈنى ئامېرىكا تاموژناسى ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى مەخسۇس بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پائالىيىتىگە چېتىشلىق بولغان خوتەن «خاۋلىن چاچ مەھسۇلاتلىرى» شىركىتىنىڭ ھەرقانداق مەھسۇلاتىنى ئامېرىكانىڭ بارلىق تاموژنا ئېغىزلىرىدا مۇسادىرە قىلىشنى ئۇقتۇرغان.

مەزكۇر ئىدارىنىڭ بۇيرۇقىدا «خاۋلىن شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغاچقا شۇنداق قارار ئېلىندى» دېيىلگەن. شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار بويىچە مەجبۇرىي ئەمگەك، بالىلار ئەمگىكى قاتارلىقلارغا چېتىشلىق بارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە يۆتكەشنى مەنئى قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

يېقىندا رادىيومىز ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ چاچلىرىنى كېسىۋېلىپ توۋارغا ئايلاندۇرۇش قىلمىشى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى.