خىتاي، تەيۋەن ۋەكىللىرىنىڭ ترۇمپنىڭ پرېزىدېنتلىق قەسەم مۇراسىمىغا قاتنىشىشىغا قارشى چىققان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.01.19

ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ غالىبى دونالد ترۇمپ جۈمە كۈنى قەسەم بېرىپ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى رەسمىي تاپشۇرۇۋالىدۇ.

پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىدىن تەيۋەنلىك ۋەكىللەرنىڭ بۇ مۇراسىمغا قاتناشتۇرۇلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا «بىز ئامېرىكىنى تەيۋەننىڭ مۇراسىمغا ۋەكىل ئەۋەتىشىگە رۇخسەت قىلماسلىققا چاقىرىمىز» دېگەن ۋە بۇ تەلىپىنى رەسمىي يوللار ئارقىلىق ترۇمپنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ۋە ھازىرقى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە يوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ سابىق باش مىنىستىرى يۈ شىكۈن باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىققان. بۇ ھەيئەت ئىچىدە ھازىرقى ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيە بولغان دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى ۋە ئۆكتىچى پارتىيە ۋەكىللىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار مۇراسىمغا قاتناشقاندىن سىرت، بىر قىسىم سىياسەتچىلەر، ئاكادېمىكلەر ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىكەن.

بىراق، خۇا چۈنيىڭ سۆزىدە ئەسكەرتىپ: « بىز تەيۋەننىڭ ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە خىلاپ ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆمەك باشلىقى يۈ شىكۈن خىتايغا جاۋاب قايتۇرۇپ خىتاينىڭ كىچىك دۆلەت پسىخىكىسىدا ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇنداقلا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىما قىلىپ تۇرۇپ « ھازىرغىچە خىتايدا بۇنداق كاللىسى ئاددىي بىر لىدېر چىقىپ باقمىغان ئىدى» دېگەن.

دونالد ترۇمپ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ تەبرىك تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ «بىر جۇڭگو سىياسىتىگە باغلىنىپ قېلىش زۆرۈرىيىتى يوق» دېگەن سۆزنى قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ چىشىغا تەگكەن ئىدى. شۇندىن بېرى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تەيۋەن مەسىلىسى داۋاملىق ھالدا تالاش - تارتىش قىلىنىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.