ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا زەربىدار ئەترىتى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ھەرىكەت باشلىغان
2023.01.18
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ 2-ئايدا بولىدىغان خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا ئامېرىكانىڭ «نىمىتىس» (Nimitz) ئاۋىئاماتكا زەربىدار ئەترىتى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ھەرىكەت باشلىغان.
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ 18-يانۋار كۈنى خەۋەر بېرىشىچە، ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابى «نىمىتىس» ئاۋىئاماتكاسى زەربىدار ئەترىتىنىڭ 12-يانۋار كۈنىدىن باشلاپ جەنۇبىي دېڭىزدا ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ، مەزكۇر ئەترەتنىڭ 2023-يىللىق پىلان بويىچە تۇنجى قېتىم جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ھەرىكەت قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ئەترەت جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا دۈشمەنگە زەربە بېرىش، سۇ ئاستى كېمىسىگە قايتۇرما زەربە بېرىش، سۇ يۈزى ۋە بوشلۇقتا بىرلەشمە جەڭ قىلىش مەشىقلىرى ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ مەشىقلەر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئېلىپ بارىدىغان قەرەللىك ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئاۋىئاماتكا زەربىدار ئەترىتىگە يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ئوكيان چارلاش پاراخوتى بىلەن ئۈچ دانە قوغلىغۇچى پاراخوت ۋە بىر ئاۋىئاماتكا ئۇچقۇچىلار ئەترىتى ھەمراھ بولىدىكەن. بۇ غايەت زور ھۇجۇمچى ئەترەت ئاسماندىن دېڭىزغا ۋە دېڭىزنىڭ ئاستىغا قەدەر كەڭ دائىرىدە ھۇجۇم قوزغاش ۋە ھۇجۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. بۇ ئەترەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى دېڭىزدىن قانۇنلۇق پايدىلىنىش، ئېچىۋېتىلگەن ۋە ئەركىن دېڭىز مۇھىتىنى قوغداش، ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش قاتارلىقلار ئىكەن.