جۇمھۇرىيەتچىلەر خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىستراتېگىيە دوكلاتى تەييارلىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-06-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئۇلىنى كولاش، دۇنيا تەرتىپىنى قايتا تۈزۈپ چىقىش ھەمدە غەيرىي شەكىلدىكى ھاكىمىيەت ئەندىزىسىنى تەرغىب قىلىش ئۇرۇنۇشى» غا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر ئىستراتېگىيە دوكلاتى تەييارلىغان.

120 بەتلىك مەزكۇر دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى دوكلاتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 147 نەپەر ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇمھۇرىيەتچىلەر تەتقىقات كومىتېتى تەرىپىدىن 10-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان.

دوكلاتتا خىتاي سىياسىي بيۇروسى، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئەزالىرى ۋە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرىگە ئېمبارگو قويۇش تەكلىپى بېرىلگەن.

دوكلاتقا قارىغاندا بۇ چەكلىمىلەر ئۇلارنىڭ بارلىق ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئەگەر شۇ بويىچە بولغاندا، چەكلىمە قويۇلغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇشىمۇ چەكلىنىدىكەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي يېقىنى نەچچە ئون يىلىدىن بېرى ھەرخىل مەككارلىقلارنى ئىشلىتىپ ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىگە تەۋە ئەقلىي مۈلۈكلەرنى ئوغرىلىدى. شۇنى تەكىتلەش لازىمكى، خىتاي ئامېرىكىغا قارىشى ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان شارائىتتا خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئامېرىكىدا ئوقۇيالماسلىقى كېرەك.»

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت ۋە خوڭكوڭدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھۆكۈمەت ئەربابلىرىغىمۇ ئېمبارگو قويۇش تەكلىپى بېرىلگەن. 

بۇلارنىڭ ئارىسىدا خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە مەسئۇل دائىمىي ئەزاسى ۋاڭ ياڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى چېن چۇەنگو ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى خەن جېڭ قاتارلىقلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يېقىندا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ناملىق بىر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى ماقۇللىغان ۋە ئۇنى ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئىمزالىشىغا يوللىغان ئىدى. 

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي غەيرىي شەكىلدىكى ھاكىمىيەت ئەندىزىسىنى ھەدەپ تەرغىب قىلىۋاتقان شارائىتتا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۆزىمىزنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قاراشلىرىمىزغا خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت