ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى بولغان تېررى برانستاد 17-فېۋرال CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان كۆز قارىشى ۋە جوۋ بايدېننىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن قىلغان سۆزىگە بولغان پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتايدا باش ئەلچى بولۇش قىيىن ھەم رىقابەتكە تولغان بىر ۋەزىپە، چۈنكى خىتاي ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك رەقىبى. يەنە كېلىپ خىتايدا ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىش، خوڭكوڭلۇقلارنى باستۇرۇشتەك كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى يۈز بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ بەك ئېغىر مەسىلە. بايدېن ھۆكۈمىتىمۇ بۇنى تونۇپ يەتكەندەك قىلىدۇ.»
ئۇ پرېزىدېنت جوۋ بايدىننىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىنكى سۆزى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «پرېزىدېنت بايدېن ھېچ بولمىسا سۆز ئويۇنىنى ياخشى ئويناۋاتىدۇ. ئەمما بۇ رىقابەتكە تولغان بىر مەسىلە. بىز خىتاي بىلەن بىر ئىش قىلغان چېغىمىزدا بۇ رىقابەت ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىدۇ. بىز چوقۇم جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم ياكى خوڭكوڭ، تەيۋەن مەسىلىسىدە بولسۇن، خىتاينىڭ خاتا قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.»