ئاقساراي: «بېيجىڭدىن سودا مەسىلىسىدە قۇرۇق ۋەدە ئەمەس، ئەمەلىي قەدەم كۈتىمىز»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-04-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خىتاينىڭ ئاپتوموبىل قاتارلىق ئامېرىكا ماللىرىغا قارىتا چېگرا بېجىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ۋە ئەقلىي مۈلۈكلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى.

بۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ بۇ «ئاڭلىق» پوزىتسىيەسىنى قارشى ئالىدىغانلىقى بىلدۈردى.

ئاقساراينىڭ باياناتچىسى سارا سەندېر ئامېرىكا تەرەپنىڭ شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىدىن مەمنۇن بولمىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتاي تەرەپتىن بۇ جەھەتتە ئەمەلىي قەدەم بېسىشنى كۈتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ، خىتاي تەرەپنىڭ ۋەدىسىدىكى نۇقتىلار ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر، دونالد ترامپ ئېلان قىلغان خىتاي ماللىرىغا چېگرا بېجىنى ئۆستۈرۈش بۇيرۇقىنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە «بىز نۇتۇقنى ئەمەس، ھەرىكەتنى كۆرۈشنى خالايمىز،» دېدى.

ئۆتكەن ھەپتىلەردە دونالد ترامپ، ئاليۇمىن قاتارلىق 50 مىليارد دوللارلىق خىتاي مېلىغا چېگرا بېجىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپمۇ سېرىق پۇرچاق ۋە ئاپتوموبىل قاتارلىق ئامېرىكا ماللىرىغا چېگرا بېجىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇنىڭغا جاۋابەن دونالد ترامپ خىتاينىڭ يەنە 100 مىليارد دوللارلىق مېلىنىڭ چېگرا بېجى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن بۇ تالاش-تارتىشتا يۇمشاش پوزىتسىيەسىنى كۆرسەتتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى سۆزىدە يەنە خىتاي بازىرىنى تېخىمۇ ئەركىنلەشتۈرۈدىغانلىقى ۋە ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى، چەتئەللىك سودا-كارخانىچىلارغا تېخىمۇ كەڭ پۇرسەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇنىڭغا دونالد ترامپ ئىجابىي باھا بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ ۋەدىلىرىنىڭ بۇرۇنمۇ ئېغىزغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ئەمەلىي نەتىجە كۈتۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت