ئامېرىكا: «خىتاي بىلەن بولغان سودىنىڭ ئازىيىشى ئىجابىي تەرەققىيات بولۇشى مۇمكىن»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.03.01

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى 17 پىرسەنت ئازايغان. نۆۋەتتە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاي بىلەن بولغان سودىنىڭ ئازىيىشىنىڭ ئىجابىي بىر تەرەققىيات بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكانىڭ سودا ئىشلىرىدىكى ئالىي ئەمەلدارى كاتېرىن تاي) Katherine Tai (ب ب س غا قىلغان سۆزىدە، خىتاي بىلەن بولغان سودىنىڭ ئازىيىشىنىڭ «پاسسىپ تەرەققىيات ئەمەسلىكى، بەلكى بۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن كۆپ خىللىشىشنىڭ ئىجابىي ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىنلىكى» نى ئېيتقان. خەۋەرلەردە، 2023-يىلى ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىگە ساتقان تاۋارلىرىنىڭ  ئومۇمى مىقدارىنىڭ 17 پىرسەنت ئازايغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ب ب س نىڭ قەيت قىلىشىچە، سودىدىكى بۇ پەرق ئامېرىكا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان تېخنىكىلىق ئاپتوموبىللارنى ئامېرىكالىقلارنىڭ شەخسى سانلىق ئۇچۇرلىرىنى توپلىشى ۋە يىراقتىن كونترول قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىشى مومىكىن، دېگەن ئەندىشە بىلەن تەكشۈرۈشنى قارار قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا قايتا ئوتتۇرىغا چىققان.

نۆۋەتتە، خىتاي ئاپتوموبىل شىركەتلىرى دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدە داۋاملىق كېڭىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكانىڭ خىتاي ئاپتوموبىللىرىغا 25 پىرسەنت باج قويۇشى، ئۇنىڭ ئامېرىكادا تەرەققىي قىلىشىنى توسقانىدى. ئاقساراينىڭ خىتاي ئاپتوموبىللىرىنى تەكشۈرۈش قارارى، ئۇنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى ئىلگىرىلەپ توسىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئاقساراي خىتاي ئاپتوموبىللىرىنى تەكشۈرۈش قارارىنى «مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان» دەپ شەرھلىگەن، شۇنداقلا بۇنى خىتاينىڭ چەت ئەل ئاپتوموبىللىرىنى چەكلەش سىياسىتىگە قارىتىلغان ئادىل ئىنكاس، دەپ كۆرسەتكەن. خەۋەرلەردە، ئامېرىكانىڭ 2023-يىلى خىتايدىن سېتىۋالغان ئومۇمى مەھسۇلاتىنىڭ 427 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ، 20 پىرسەنتتىن ئارتۇقراق تۆۋەنلىگەنلىكى، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ خىتايغا ساتقان مەھسۇلاتلىرىنىڭ 148 مىليارد دوللار بولۇپ، 4 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئومۇمى سودىسى 2022-يىلى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان بولۇپ، ئۇنىڭ 2023-يىلى تۆۋەنلىشى نۇرغۇن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكىشى ۋە تاموژنا بېجىدىن بولغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.