خىتاينىڭ ئامېرىكا زېمىنىدا ئۆزىنىڭ يەر ئاستى ئەدلىيە سىستېمىسىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكى دىققەت قوزغىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2025.01.30

«كۈندىلىك چاقىرىق گېزىتى» فوندىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئامېرىكا زېمىنىدا بىر قىسىم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق ئۆز ئەدلىيە سىستېمىسىنى يولغا قويغان.

مەزكۇر فوندىنىڭ بىر نەچچە ئاي داۋاملاشقان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى، پايتەخت ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، نيۇ-يورك ۋە ھاۋاي قاتارلىق جايلاردىكى ئون نەچچە خىتاي تەشكىلاتلىرى ھەممىسى خىتايدىكى قانۇن ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ سوت زالىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان.

بۇ خىتاي جەمئىيەتلىرى بۇ سوتلارنىڭ خىتايدىكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى يېڭىلاش ۋە ئىككى دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان ئەر-ئاياللارنىڭ خەلقئارالىق ئاجرىشىش دېلولىرى قاتارلىق كۈندىلىك ئىشلارنى تېخىمۇ قولايلىق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە ئىستىخبارات ئانالىزچىلىرى بولسا، خىتاينىڭ ئامېرىكادا قۇرۇۋالغان بۇ يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى جازالاش ۋە كوممۇنىستلارنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، دوكلاتتا ئېنىقلاپ چىقىلغان خىتاي جەمئىيەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ئامېرىكادىكى بىر قىسىم خىتايلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىش توغرۇلۇق خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا مۇزاكىرە قىلىشقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكادىكى خىتاي سوتىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەنگەن بىر قانچە شەخسمۇ ئىلگىرى نيۇ-يوركتا بايقالغان خىتاي ساقچىخانىسىنى باشقۇرۇپ كەلگەن كىشىلەر ئىكەن.

«كۈندىلىك چاقىرىق گېزىتى» فوندىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكادىكى تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆلىمىنى يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مولىنار بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى بىرلىكسەپ تورى ئارقىلىق ئامېرىكا تەۋەلىكىدە باستۇرۇش خاراكتېرلىك قانۇن سىستېمىسىنى يولغا قويماقچى بولۇشى ئامېرىكانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇشىغا قىلىنغان قوبۇل قىلغۇسىز ھۇجۇم» دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.